Responsive Image

«2023-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

«2023-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدىسۈرەتتە ئوڭدىن زۇمرەتئاي ئەركىن، رىزۋانئاي، دولقۇن ئەيسا، قەلبىنۇر سىدىق، ھەبىبۇللاھ ئىزچى، 2023-يىلى 17-ماي، جەنۋە RFA/Ekrem

«2023-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى: كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنى بۈگۈن جەنۋەدە باشلانغان.

«2023-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى: كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» يىغىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى «جەنۋە خەلقئارا ئاخبارات مەركىزى» سارىيىدا باشلانغان.

بۇ يىغىن 2009-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ 15-نۆۋەتلىكى بولۇپ، يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپلىگەن نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر قاتناشقان.

دۇنيانىڭ دىققىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى جىددىي مەسىلىلەرگە تارتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ھەر يىلى 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىندا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن شاھىتلار، سابىق مەھبۇسلار، ئۆكتىچىلەر، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار، دىپلوماتلار، مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرى سۆز قىلىدىكەن. 17-ماي چۈشتىن بۇرۇن، مەزكۇر يىغىندا جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ ئالدىنقى قاتاردا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جىنايەتلىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ سۆزى نەق مەيداندىن ئىنگلىزچە تارقىتىلغان.

مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۈگۈن 17-ماي جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئەھمىيىتى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەتلەس كۆينەكلەرنى كىيىپ، خىتاي چەكلىگەن ئۇيغۇر ئانا تىلىدا سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن تالايلىغان ئىنسانلارغا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان، شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەبىبۇللاھ ئىزچىمۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە دىققەت تارتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، د ئۇ ق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەزكۇر يىغىننىڭ ساھىبخانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «جەنۋە مۇنبىرى» يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ مۇنبەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلمەكتىكەن.