8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماستىن سارايېۋودا غەلىبىلىك ئېچىلدى

8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماستىن سارايېۋودا غەلىبىلىك ئېچىلدى

بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۈگۈن 25-ئۆكتەبىر ئەتىگەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئاخباراتچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ قاتنىشىشىدا غەلىبىلىك ئېچىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، شەرەپ مېھمانلىرى، تۈركىيە، بوسنىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا 350 دىن جىق كىشى بوسنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشىغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، د ئۇ ق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن ئەكرەم بۇ قېتىمقى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.

ئۇ سۆزىدە: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ بوسنىيەدە ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بوسنىيەنىڭمۇ يېقىنقى زاماندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر دۆلەت بولۇشى سۈپىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە بوسنىيە خەلقىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى بۇ يەردە ئېچىش ئارقىلىق مەزكۇر ئىككى خەلقنىڭ تەقدىرداشلىقى شۇنىڭدەك ھەر ئىككى خەلقنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنىمۇ مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە: «مەقسىتىمىز دۇنياغا ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىش» دەپ تەكىتلىدى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان چېخىيە پارلامېنت ئەزاسى يېرى ئوبېرفالزەر، يىغىن ئەھلىگە، ئالدىنقى قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ چېخىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، چېخىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى پائالىيەتلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا قانداق قىلىشى كېرەكلىكىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئەنگلىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىنىڭ باش سوتچىسى سىر جېفرى نايس، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتنىشىپ، «بوسنىيە قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پەرقى شۇكى؛ بوسنىيە قىرغىنچىلىقى ياۋروپانىڭ يۈرىكىدە يۈز بەردى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق بولسا خىتاينىڭ ئۇ يەرنىڭ ئالاقىسىنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئۈزۈشى ۋە قاتتىق نازارىتى ئاستىدا بولدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بوسنىيە قىرغىنچىلىقىدەك ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ياردەم ئالالمىدى» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئۆزگىچىلىكى بولسا، ئارقىدىنلا داۋام قىلغان «بوسنىيە قىرغىنچىلىقىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نەزەر» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت بولۇپ، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقتىن ئېلىنغان ساۋاقلار يەكۈنلەندى

ئورۇنلاشتۇرۇلدى بۇ سۆھبەتكە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دوكتور ئېۋېلىنا ئوخاب رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇنىڭغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، قۇرۇلتاي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى كەۋسەر ئىلھام، ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى سابىق باش ئەلچىسى كېللىي كۇرىي، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى تىم لاۋتون قاتارلىقلار قاتناشتى.

كېللىي كۇرىي خانىم سۆزىدە مۇنداق دېدى؛ «ھەر قانداق كوللېكتىپ قەتلىئام ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەس، ھەر قانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق كوللېكتىپ قەتلىئام ئەمەس!».

ئۇ يەنە دۇنيانىڭ مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى.

سۆھبەتتە بوسنىيە قىرغىنچىلىقىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىچە بولغان جەريانلار، نۆۋەتتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا كۆرسەتكەن تەسىرى، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ بىرلىشىۋېلىش ئارقىلىق خەلقئارا سەھنىلەردە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئارقىغا ئېلىپ قىلىۋاتقان يولسىزلىقلىرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى دېگەنلەر مۇلاھىزە قىلىندى.

سۆھبەت ئاخىرىدىكى قەھۋەدىن كېيىن، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈركىيە پارلامېنتى ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ، دوغان بېكىن، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ۋە دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قاتنىشىشىدا خىتاينىڭ چەت ئەلگە سوزۇلغان قارا قولى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

سەلچۇق ئۆزداغ بۇ سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن، تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدە يېڭى بىر تەۋسىيە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.