Responsive Image

ميۇنخېن خىتابنامىسى

2005-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

(ئۇشبۇ خىتابنامە 1991-يىلى، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كىيىن، ئەركىن ئالىپتېكىن تەرىپىدىن ئىنگلىزچە قەلەمگە ئېلىنغان  ۋە د. مايكىل ۋون ۋالىت قاتارلىق ئاتاقلىق قانۇنشۇناسلار تەرىپىدىن خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى يىغىنىدا ماقۇللاندى.)

ميۇنخېن خىتابنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى:

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە بارلىق ئەسلى خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش،

مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،

ئادالەتنى ۋە ئىجتىمائىي ئامانلىقنى بەرپا قىلىش،

دۇنيا تىنچلىقىنى ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش،

ئومۇمى خەلق پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش،

ئەركىنلىك ھەم دېموكراتىيىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش،

شۇنداقلا،

خىتاي ھاكىمىيىتى تاجاۋۇزى بىلەن قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىۋالغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تىنچلىق، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنسانىي ئېھتىياجىمىزنى چىقىش قىلغان،

ئۆز تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ئاساسىدىكى مىللىي سالاھىيىتىمىزنى نەزەرگە ئالغان،

كۆپ يىللاردىن بىرى تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئەسلەتكەن،

ئۇزۇن يىللىق مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىز جەريانىدا مەيدانغا  كەلگەن قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرىلىگەن،

ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش، مۇستەقىللىق، مىللەتلەر ئارا ئىجتىمائىي ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە باشقا بارلىق مەجبۇرىيەتلەرگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا،

يىللاردىن بۇيان ئىلىپ بارغان كۈرەشلىرىمىز مۇساپىسىدە كۆرسەتكەن قەتئىي مەيدانىمىزنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە،

تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن خەلقئارالىق قائىدە نىزاملار ۋە قانۇن كېلىشىملەرگە بوي سۇنۇش شەرتى بىلەن، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىز يولىدىكى تەۋرەنمەس كۈرەش ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايدۇ؛

ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى:

1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى،

2. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان  دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىملىرى،

3. خەلقئارالىق ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى كېلىشىمى،

4. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ-9-كۈنى ئېلان قىلىنغان  ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېلىشىمى،

5. 1959-يىلى 11-ئاينىڭ-26-كۈنى ئېلان قىلىنغان  ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى جازالاش قانۇنىنىڭ چەكلىمىلىرىنى قايرىپ قويۇش كېلىشىمى،

6. 1959-يىلى 11-ئاينىڭ20-كۈنى ئېلان قىلىنغان  بالىلار ھوقۇقلىرى خىتابنامىسى،

7. 1965-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان  خەلقئارالىق بارلىق شەكىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش كېلىشىمى،

8. 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلىنغان  خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلار كېلىشىمى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى،

9. 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان  ئاياللارنى كەمسىتىشنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى تۈگىتىش كېلىشىمى،

10. 1981-يىلى-12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنغان  دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى پەرقتىن ئىلىپ چىققان بارلىق شەكىلدىكى زىتلىشىش ۋە چەتكە قېقىشنى ئاياغلاشتۇرۇش خىتابنامىسى،

11. 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان  قىيناش ۋە باشقا شەكىللەردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە جازالاشلار ھەم ئىنسانىي غۇرۇرنى خورلايدىغان قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش كېلىشىمى،

12. خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەھدىنامىسى، قاتارلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە بارلىق ئەسلى خەلقلەر نامىدىن يەنە شۇنى ئوچۇق ھالدا جاكارلايدۇكى،

مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى :

ئا: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان دېموكراتىك، كۆپ پارتىيىلىك ھەم قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت بولىدۇ؛

ب: مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تىلى ئۇيغۇر تىلى بولىدۇ;

چ: ھەر بىر پۇقرانىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇتلەق قوغدايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق پۇقرالىرى ئوخشاش ھوقۇق ھەم مەجبۇرىيەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش;

2. ياش پەرقى، مىللەت ئايرىمىسى، تەن رەڭگى، جىنسى، كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئەقىدىسى ياكى ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ چەتكە قېقىشلارنى كەسكىن رەت قىلىش؛

3. دېموكراتىك قانۇن تۈزۈم ئارقىلىق، يۈرۈش-تۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئولتۇراقلىشىش ۋە ئىختىيارى كۆچۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

4. ئۇچۇر ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەمدە زوراۋانلىق كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان قىلمىشلارنى چەكلەش؛

5. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قۇرۇلغۇسى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

6. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان كۆرەشلىرىگە قاتنىشىش ۋە ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيىتى؛

7. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ۋە ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيىتى؛

8. شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بىرلىكىگە ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ھەم سىياسىي ئىناقلىققا ھەسسە قوشۇش مەجبۇرىيىتى؛

د: تۆۋەندىكى ھوقۇقلار قوغدىلىش بىلەن بىللە، يەنە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەر تەشەببۇس قىلىنىدۇ:

1. ھەر بىر شەخسنىڭ مىللىي كىملىكىگە دائىر ھوقۇقلار ئاساسى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ؛

2. مائارىپ ھوقۇقىنى قوغداش، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، پىكىر پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، پەننىي مەسىلىلەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىشنى مەقسەت قىلغان دۆلەت مائارىپ سىستېمىسىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ؛

3. ھەر بىر پۇقرانىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن ئورتاق ھەم باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ;

4. ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان مۇۋاپىق ئىجتىمائىي سىستېمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، پېشقەدەملەرنىڭ كۈتۈنۈش ھەقلىرى تەمىنلىنىدۇ;

5. مېيىپلەرنىڭ، يېتىم-يېسىرلارنىڭ، تۇل قالغانلارنىڭ قوغدىنىش ھەقلىرى ۋە ئىنسانىي غەمخورلۇققا ئېرىشىش ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ;

6. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ;

7. شەرقىي تۈركىستاندا يەرلەشمەكچى بولغان چەتئەل پۇقرالىرىغا نىسبەتەن دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قائىدە – قانۇنلارغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىدۇ;

8. تەشكىللىك جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە زەربە بېرىش مېخانىزمنى قۇرۇپ، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ قانۇن ئالدىدا جىنايى جاۋابكارلىقى ئىسپاتلانغۇچە  گۇناھسىز دەپ قارىلىدىغان بەلگىلىمىلەرنى تۇرغۇزۇپ، قانۇن ئالدىدا ئادالەتكە ئېرىشىش ھەقلىرىنى قوغدايدۇ;

9. ئىشلەش ھەققى ۋە ئوخشاش ئەمگەككە ئوخشاش ھەق بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئادىل ھەق تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ;

10. شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇھىت ئاسراشنىڭ يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەھمىيىتىنى ئاڭلىق تونۇغان ئاساستا، كۆۋرۈكلۈك ئاپپاراتلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ;

11. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۆز زېمىنىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تېجەشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىن بىرى، دەپ بىلىدۇ ھەمدە مۇھىت ئاسراشنى ۋە يەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇنلارنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، بۇ خىل نىشاننىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەممە تارماقلىرىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛

12. مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى مەيدانغا  كېلىشى ھامان، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئالىي كومىتېتى: ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشلىرىدىن كېلىپ چىققان جاراھەتلەرنى ساقايتىش، شەرقىي تۈركىستاننى بۇ رايوندا سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، دېموكراتىيىنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇقىملىقنى ۋە رايونلۇق تىنچلىقنى قوغداش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلايدۇ;

13. تارىختا دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قالدۇرغىنىدەك، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئوز ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، دۇنيا تىنچلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ ھەم رايونلۇق باغلىنىشنى كۈچەيتىدۇ;

14. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆز ئارا پايدىلىق بولغان ھەمكارلىقنى ۋە ئاكتىپ بىتەرەپلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تىنچ ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەيدىغان بىر تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى قوللىنىدۇ;

15. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەممە خەلقلەرنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقى بولۇشتەك دۇنياۋى ئۆلچەمگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ;

16. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي رايونىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، قورال-ياراغ بەسلىشىشنى رەت قىلىپ، ئوتتۇر ئاسىيا رايونى ۋە پۈتۈن دۇنيانى قورالسىزلاندۇرۇشنى ھەم ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئالغا سۈرىدۇ;

17. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزى جايلاشقان رايوندا ۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنسان ھەقلىرىنى ئالغا سۈرىدۇ، ھاياتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، تۇرار جاينىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى، خەت-چەك، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدۇ ھەم ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇھىت جەھەتلەردە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ;

18. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ;

ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

ميۇنخېن، گېرمانىيە