Responsive Image

ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇل ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى ۋە داۋاملىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن

ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇل ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى ۋە داۋاملىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنكوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: 2023-يىلى ۋە 2024-يىلىنىڭ بېشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق يۆتكەش ئەھۋالىنى باھالاش» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى پاكىت-دەلىللىرى بىلەن ئاشكارىلاپ بەرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىروگراممىسى» ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش سىستېمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. خىتاينىڭ 2023-يىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

2023-يىلى، خىتاي دائىرىلىرى ئۆلكە ھالقىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغان «بىر-بىرىگە ماس ياردەم» پىلانىنىڭ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى 38 پىرسەنت ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ سەۋىيە 2010-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ خىل ئېشىشنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مەقسىتىم، 2023-يىلدىن 2024-يىلغىچە ئاشكارىلانغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا باھا بېرىش ئىدى؛ پاكىت ۋە خۇلاسە شۇ بولدىكى، 2023-يىل مەجبۇرىي يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچى 2022-يىلدىكىدىن كۆپ بولدى ۋە خىتاي ئۆزى بېكىتكەن نورمىدىن، يەنى ئېھتىياجلىق ئىش ئورنىدىن ئېشىپ كەتتى. 2024-يىلى بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، نامراتلىق ۋە يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا مېنىڭ پەرىزىمچە، ئەمگەك كۈچىنى مەجبۇرىي يۆتكەش 2024-يىلىمۇ يۇقىرى نىسبەتتە داۋاملىشىدۇ».

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2023-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى باغلايدىغان «بىر-بىرىگە ماس ياردەم» پىلانىنىڭ ئۆلكە ھالقىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت، «ئۇيغۇر ئاھالىسىنى پۈتۈن خىتايدا خىزمەت تېپىشقا يېتەكلەش، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تىن ئىبارەت بولغان.

قىزىل رەڭلىك پىلاش كىيىۋالغان سەكسەندىن ئارتۇق ئەر-ئايال قەشقەر پويىز ئىستانسىنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلىپ چامادانلىرىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغىنىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئۇزىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئاپرېل.

قىزىل رەڭلىك پىلاش كىيىۋالغان سەكسەندىن ئارتۇق ئەر-ئايال قەشقەر پويىز ئىستانسىنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلىپ چامادانلىرىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغىنىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئۇزىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئاپرېل.

خىتاي دائىرىلىرى تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى داۋاملىق تەقىب قىلىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان «ئىشسىزلىقنى نازارەت قىلىش ۋە دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى» 2023-يىلى كېڭەيتىلگەن؛  خىتاي دائىرىلىرى «14-بەش يىللىق» پىلاننىڭ كۆرسەتمىسى، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، «ھەر ئائىلىدىن ئىشلىيەلەيدىغانلىكى ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى بېكىتكەن. 2023-يىلى «كەسپىي تەربىيەلەش» خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى  مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھەگە يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان.

بەزى رايونلاردىكى يەرنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى يەرلىك دېھقانلاردىن دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، يەرلىك دېھقانلار مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق مائاش ئالىدىغان ئەمگەكچى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا بېرىلگەن ئۇچۇردا، پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىلا 1 مىليون 550 مىڭ «يېزا ئىشچىسى» نىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى، بۇ ساننىڭ رايوندىكى ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ 34.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكى مىسال كەلتۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «‹نەنكەي دوكلاتى› دا كۆرسىتىلگەندەك، قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى ‹كەسكىن ۋە قىسقا مۇددەتلىك تەدبىر› گە ۋەكىللىك قىلسا، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش مۇھىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ‹ئىسلاھات، بىرلەشتۈرۈش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇسۇلى› غا ۋەكىللىك قىلىدىكەن».

دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىككى ئەمگەك سىستېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن بىرى، رايوننىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى بولۇپ، بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى پەردازلاپ «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان. لاگېرغا سولانغانلار مەلۇم مەزگىل بۇ يەردە كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلىنىپ، ئاندىن كان، كارخانا، زاۋۇتلارغا ماڭدۇرۇلىدىكەن. ئىككىنچىسى، ئاتالمىش «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىگە باغلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى. بۇنىڭدا، خىتاي دائىرىلىرى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىن باشقا ساھەگە يۆتكەيدىكەن، شۇنداقلا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى پەسىللىك ھالدا باشقا جايلارغا يۆتكەيدىكەن.

2023-يىلى، 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يېزا ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەش ۋە يۆتكەش نىشانى ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان.

يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت ئورنىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەش ئارقىلىق جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازلىتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىدا تەڭپۇڭلۇق  ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىتى ۋە ھۆججىتىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ كەم دېگەندە 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاموژناسى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە ياۋروپانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەش بېسىملىرىغا پىسەنت قىلماي، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، دوكتور ئادرىيان زېنز بۇنىڭدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نى تاقاپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى باشقا خىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا سولىغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق ئىستراتېگىيە بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى پارچىلاش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەيدۇ، ئەر-ئايالنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا بۇ سىياسەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى».

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 17-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلغان. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى يالغانغا چىقىرىپ: «شىنجاڭ خەلقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى يوقمۇ؟ بىرەر كەسىپ قىلىش ئەركىنلىكى يوقمۇ؟ مەجبۇرىي ئەمگەكنى باھانە قىلىپ ئۇلارنى ئىشسىز قويۇش، خىزمەت قىلغىلى قويماسلىق، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مالنى ساتقىلى قويماسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك بولامدۇ؟ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بولامدۇ؟» دەپ قايناپ كەتكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ يالغانچىلىقنى 1000 قېتىم تەكرارلايدۇ. بۇ خۇددى ‹شىنجاڭدا لاگېرلار يوق› دەپ ئارقىدىن، ‹ئۇلار لاگېر ئەمەس، مەكتەپ› دېگەندەكلا بىر كۆز بويامچىلىق. خىتاي ئۆزىدىكى ھەممە نەرسىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تەشۋىقات تاكتىكىسى. خىتاي ئۆزىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرى ۋە سەتچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردە مۇشۇنداق يالغاننى تارقىتىدۇ».

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىن خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى  نورماللاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن. مەجبۇرىي ئەمگەكنى باشقۇرۇش مېخانىزمى بولسا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نازارەت قىلىدىغان ئورۇنلارغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى پەقەت ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشنىلا ئەمەس، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى، مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغان.