Responsive Image

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىن مىسىر ۋە خىتايغا چاقىرىق

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىن مىسىر ۋە خىتايغا چاقىرىق

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 9– ئاۋغۇست

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى(USCIRF) مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. بۇ كومىتېتنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا «مىسىردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىز ۋە دۈشمەنلەرچە قىلمىشنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا: «مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش خاتىرىسى بار بولغان خىتايغا قايتۇرماقتا. مىسىر 7- ئاينىڭ بېشىدا بۇ ھەرىكەتنى باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنمۇ ھېلھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ.» دېيىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 5- ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدادېيىلگىنىدەك، خىتاي دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە،  يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستىغان.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قارا قولىنى چەتئەللەرگە سوزغان بولۇپ، يىراقتىكى مىسىر ۋە ئىتالىيەگىچە يېتىپ بارغان. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، مىسىر 200 دىن كۆپ ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى زورلۇق بىلەن قايتۇرىۋېتىلگەن. مەزكۇر كومىتېت  ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇندىن بۇرۇن تايلاند، مالايسىا ۋە كامبودژادا مۇشۇ خىلدىكى قولغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي قايتۇرىۋېتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. باياناتتايەنە يېقىندا ئىتالىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جولېي(Sandra Jolley) مۇنداق دېدى: «مىسرى ھۆكۈمىتى چوقۇم دۇنيانىڭ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا پىسەنت قىلىشى لازىم. مەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئاقلىغۇچىسى، ئۇ تىنچ يول تۇتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. ھېچكىم خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خام خىيالدا بولمىسۇن. ئۇلار ۋە ئائىلىلىرىنىڭ، شۇنداقلا يېقىنلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، ھەتتا تەن جازاسىغا ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ.»

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى مارك(Mark) مۇنداق دېدى: «بىز مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاماش ۋە خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشقا، بارلىق گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا قوغدالغان ھوقۇقلار ئاستىدا تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز بىر ئورگىنى. بۇ كومىتېت چەتئەللەردىكى دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى – تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، پرېزىدېنت، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سىياسىي تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. بۇ كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى پرېزىدېنت ۋە پارلامېنتىكى ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئورتاق تەيىنلىنىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى(USCIRF)