Responsive Image

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئىلھام روزىنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ 5 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەندى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئىلھام روزىنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ 5 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەندىلوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ئىلھام روزى ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدىن چىقىپ 5 كۈندىن كېيىن، مۇشۇ 7-مارت، يەنى سەيشەبە كۈنى جان ئۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومدىكى ئالاقىدار خادىملار، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئاۋۋال تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئۇيغۇريار فودىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام روزى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ بەش كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەن. دېيىلىشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك ئىگەرچى ساقچىخانا خادىملىرى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام روزىنى بىڭتۈەندىكى بىر تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرغان؛ تۈرمىدىن ئېغىر كېسەل ھالەتتە ئېلىپ چىقىلغان ئىلھام روزى ساناتورىيەدە 5 كۈن قالغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئەرزىيەت بۆلۈمى باشلىقى ئەينى ۋاقىتتا ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭمۇ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئىلھام روزىنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش جەريانىدىن خەۋەردار ئىكەن. مەزكۇر ئىدارە باشلىقى دەسلەپتە ئىلھام روزىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزدىن كېيىن، ئىلھام روزىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما، خىزمەت مەخپىيەتلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىلھام روزىنىڭ تۇتۇلۇش، كېسىلىش ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1965-يىلى شاياردا تۇغۇلغان ئىلھام روزى 1988-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىجتىمائىي پائالىيەتچانلىقى ۋە ناتىقلىقى بىلەن جەمئىيەتتە تېزلا تونۇلغان. بىر مەزگىل شايار ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ، شايار ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدە مۇدىر ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىدا باشقارما باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىلھام روزى 2010-يىللاردىن كېيىن ئاپتونوم رايون بويىچە ئالقىشقا سازاۋەر ناتىق بولۇپ باھالانغان ۋە ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ خىزمەت جەرياندىكى نۇتۇقلىرىدا، يالغۇز خىتاي تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپلا قالماستىن، ئاڭلىغۇچىلىرىغا يەنە مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھ تەربىيەسىنىمۇ ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ يازغۇچى يالقۇن روزى بىلەن شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننى بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىشى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇزۇن كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقى ۋە ئۇ ئۇيۇشتۇرغان لېكسىيەلەردىكى مەسىلىلەردە دادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، سوت ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

يۇقىرىقى ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقى، ئىلھام روزىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سوت تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن ئاۋۋال تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇريار فوندىنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام روزى2019‏-يىلى ئوغلى بەختىيار ئىلھام بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان. بەختىيار ئىككى يىلچە «تەربىيە» لەنگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئۆزى بولسا، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ئىلھام روزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئاۋۋال ساق-سالامەت ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما تۈرمىدە نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئىلھام روزىنىڭ ئىگەچى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۈرمىدىن ئاچىقىلىپ چوڭلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ساناتورىيەگە كېلىپ 5 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئەمما خادىملار، ئىلھام روزىنىڭ نېمە ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ياكى ئۆيىگە ئاپىرىلماستىن ساناتورىيەگە ئاپرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ساناتورىيەلەرنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدۇر.