Responsive Image

ب د ت دا خىتاينىڭ ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار جەنۋەدە زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارماقچى

ب د ت دا خىتاينىڭ ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار جەنۋەدە زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارماقچى

د ئۇ ق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى مەزگىلىدە، جەنۋەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق دىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە جەنۋەدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. خىتاي ھاكىمىيىتىنى سوراققا تارتىدىغان بۇ يىغىنغا خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى كېلىپ قاتنىشىدىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن 26-يانۋار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خۇسۇستا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ب د ت دا خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزىلىۋاتقان 15- فېۋرال كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۋەگە يىغىلىپ، زور كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇشلار ھەم قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە چاپان ياپماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەزكۇر چاقىرىق مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن 26-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ يىغىن مەزگىلىدە جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ب د ت دىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر دوكلات ياكى قارارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ب د ت دا ھازىرغا قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىككى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر ئىككى قېتىمدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭ بىرى، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ «ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان»لىقىنى ئېلان قىلىشى بولدى. ئىككىنچىسى، 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرىقى دەقىقىلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتنى ئېلان قىلىشى بولدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭ بۇ يىغىنىدا مۇشۇ مەسىلىنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ 15-فېۋرال جەنۋەدە ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.