ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى: «ئۇيغۇر بالىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تىل سىياسىتى ۋە ئۇلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىش مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنى مەزگىلىدە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىدىن ئايرىپ قالدۇرۇلۇشى ۋە ھەمدە ئائىلىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇش ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا يۇقىرىدىكى سىياسەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
26-سېنتەبىر كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
«بىز شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇتلەق دېگۈدەك دۆلەت تىلىدا تەلىم-تەربىيە بېرىپ ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللانماسلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىشنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. »
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى يەنە، كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقى، ئائىلە ھاياتى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېگەن: «قاتتىق تۈزۈم بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيىتى بىلەن كۆپ ئالاقە قىلالمايدىغانلىقى مەلۇم. بۇ مۇقەررەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل كىملىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بۇزىدۇ. »
باياناتتا دېيىلىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرىدىكى بۇ خۇلاسىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ماتېرىياللار، دوكلاتلارنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە مۇزېيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى كۆرۈشكەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. دوكتور زېنزنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكىنىگە ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋەتتە بۇ باياناتنىڭ چىققانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ باياناتنى ئاخىرى ئېلان قىلغانلىقىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم. چۈنكى بۇ مەسىلىنى بىز دەپ كېلىۋاتقانلىقى بىر قانچە يىل بولۇپ كەتتى. مەن ئەڭ دەسلەپ 2019-يىلى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىمنى ئېلان قىلدىم. كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە زىمىستان تورى بۇ مەسىلىنى خەۋەر قىلدى. 2020-يىلى مەن ۋە ئىقتىساد ژۇرنىلى يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلدۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلىشى، ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان ياكى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن بالىلارنى يېتىم بالىلار قاتارىدا بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىۋالغانلىقىنى بىر قانچە يىلدىن بېرى دەپ كېلىۋاتىمىز. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بۇنچە كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىپتۇ. »
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بۇ باياناتنى قارشى ئالدى. ئۇلار ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ يەكۈنىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارادا رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىنغانلىقى، دەپ باھالىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى لۇئىسا گىرېۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باياناتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ خاتالىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ باياناتنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. »
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ھوقۇقى ۋە ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىنىشىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ يەكۈن ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فېرناند دې ۋارېننېس ئەپەندى (Mr. Fernand de Varennes) ، مەدەنىيەت ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچى ئالېكساندرا شانتاكى خانىم (Ms. Alexandra Xanthaki) ۋە مائارىپ ئىشلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فارىدا شەھىد (Ms. Farida Shaheed) خانىم قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنى تونۇغانلىقى ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىلىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزلىرى تاپشۇرۇۋالغان مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي جۇدا قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇلار ئىچىدە لاگېرلارغا قامالغانلار ياكى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ بارلىقى، بۇ بالىلارنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردا يېتىم بالا سۈپىتىدە پۈتۈن كۈنلۈك ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتاي تىلى بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى، بۇ بالىلارنىڭ پەقەت خىتاي تىلىدا سۆزلەش ۋە ئوقۇش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ مەخسۇس تىل دەرسلىرىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن جازا بېرىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار قەيت قىلىنغان.
دوكتور ئادرىيان زېنز ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىلىرى تەرىپىدىن يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى دەلىللەنگەن ئىكەن، ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى. ب د ت نىڭ تەدبىر قوللىنىشىغا بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەخسۇس مۇشۇ تېما ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا دوكلات تەييارلىشى، بۇ ھەقتە بىر قارارنامە چىقىرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، خەلقئارا بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى ۋە تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. »
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بولسا باياناتىدا، يۇقىرىدىكى دوكلاتنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىدىن ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا يول قويماسلىقى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. لۇئىسا گىرىۋ مۇنداق دېدى:
«كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ بايانات بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق سابىق ئالىي كومىسسارى باچېلېت خانىمنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتنى مۇزاكىرىگە قويۇشى لازىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوقۇم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئەيىبلىشى كېرەك. بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يەنە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىشىنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن يەكۈنلىرىنى «خىتاينى قارىلاش ئۈچۈن قىلىنغان» ، «خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان» دەۋاتقان ۋە ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، مۇستەقىل ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە «بۇ بايانات خىتاينىڭ ب د ت دىكى شۇنچە بېسىمى ۋە لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، ب د ت دا ئادالەتنى ياقىلايدىغان، ھەق تەرەپتە تۇرىدىغانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.