Responsive Image

بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن UNPO نىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدى

بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن UNPO نىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدىد ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتىرلىق د ئۇ ق ۋەكىللىرى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى», «UNPO» نىڭ 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىدا. 2023-يىلى ئاپرەل، بارسېلونا، ئىسپانىيە.

قىسقىچە «UNPO» دەپ ئاتالغان «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» 21-ئاپرېل كۈنى ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان بارسېلونادا 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى باشلىغان. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 20-ئاپرېل كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا مىقياسىدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى: مۇۋەپپەقىيەت، قەيسەرلىك ۋە ھايات قېلىش» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتىكەن. بارسېلونادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان 32 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدە مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ كەلگەن خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلات سانىلىدىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا مۇھىم تېما بولغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتىرلىق د ئۇ ق ۋەكىللىرى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىدا. 2023-يىلى ئاپرەل، بارسېلونا، ئىسپانىيە.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتىرلىق د ئۇ ق ۋەكىللىرى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ 17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىدا. 2023-يىلى ئاپرەل، بارسېلونا، ئىسپانىيە.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بارسېلونادا چاقىرىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلتايغا ئىسپانىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات ھېسابلانغان «كاتالونىيە مىللەت مەجلىسى» ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىنىڭ كاتالونىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى، ئىسپانىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىۋاتقان كاتالونىيەلىكلەر بىلەن ئۆز مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقتىن ئىكەن.

د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەيلى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان «كاتالونىيە مىللەت مەجلىسى» بولسۇن ياكى كاتالونىيەدىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان باشقا تەشكىلاتلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدىكەن ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى بىلەن تەقدىرداش ھېسابلايدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى ئۈچۈن زور ھەسسىلەر قېتىپ كەلگەن مەركىزى بىريۇسسېلدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن باشچىلىقىدا 1991-يىلى 11-فېۋرال گوللاندىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ تەشكىلاتقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان 44 مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئەزادۇر.