CECC گۇۋاھلىق يىغىنى: «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ 20 يىللىقى»

غەرب دۇنياسىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە خىتاي رەسمىي ھالدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن 2001-يىلى 11-دېكابىردىن تارتىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە يىللىق دوكلات تەييارلاپ كەلگەنىدى. ئەمما بۇ 20 يىلدا خىتاي گەرچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر سەكرەپلا دۇنيادىكى ئىككىنچى زور قۇدرەت ساھىبىغا ئايلىنىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئىقتىسادىي قۇۋۋەتنىڭ ئىجابىي ساھەگە ئەمەس، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىلىشى يېقىنقى مەزگىللەردە ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان بىر مۇھىم تېما بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ 20 يىللىق كۆزىتىش ۋە باھالاشتىن خۇلاسە چىقىرىش مەقسىتىدە خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 13-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردى.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي (Jeff Merkley) ئالدى بىلەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە خىتاي كومپارتىيەسى بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ئەركىنلىكى، پۇقراۋى جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرى ساھەسىدىكى چەكلىمە ۋە كونتروللۇقنى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ھازىرغا قەدەر نەشر قىلىنغان 21 پارچە يىللىق دوكلاتتا تولۇق ئەكس ئەتكەنلىكىنى، دەل مۇشۇ خىل ئىزچىل يامانلىشىش يۈزلىنىشى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ يوسۇندا مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى قاتارلىق تېمىلار بويىچە گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ۋە باشقا ھۆججەتلەشكەن ماتېرىياللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ قېتىملىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلىشىش ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەر دۇچ كەلگەن دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا قارىتا ھازىرغا قەدەر ۋۇجۇدقا چىقارغان نەتىجىلىرىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئارقىدىنلا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جېيمىس مەكگوۋېرىن (James P. McGovern) سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۆتكەن 20 يىلدىكى سەلبىي تەرەققىياتنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىپ ئۆزىگە ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنى باستۇرۇشى، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى، شۇنىڭدەك بۇ خىل زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى خىتاي تەۋەسىدىن دۇنياغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە خاس ئىززەتتىن ۋە ھەقلەردىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدە بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەن ئۇتۇق قازاندى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سۋازى ۋە ئاۋام پالاتانىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىممۇ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇلار سۆزلىرىدە بۇ خىلدىكى 20 يىللىق ئۆزگىرىشلەر قاتارىدا 1972-يىلىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» قاتارلىق ھادىسىلەرنى مىسال قىلىپ ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىنىڭ «خىتاي باي بولسا بىزگە ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى گۈللەندۈرىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ خاتا بولغانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ئىسپاتلانغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، لاگېر سىستېمىسى ۋە باشقا ساھەلەردىكى دەپسەندىچىلىكنى دۇنيانىڭ تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىسال بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىلھام توختى، پانچېن لاما قاتارلىقلارنىڭ ھازىرمۇ قاماقتا ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا مۇناسىۋىتىنى ھەرقاچان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە نەزەردە تۇتۇش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .
خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ئادۋوكات تېڭ بياۋ بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. . ئۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە يۇغۇرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق قانۇن سىستېمىسىغا «جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقى»، بۇ خىل «جەڭ» نىڭ زەربىسىدە خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىنغانلىقى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، ئۈچ مىليونچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ لاگېرلارغا «قايتا تەربىيەلەش» كە قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچراشقا باشلىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. شۇنىڭدەك «خىتايدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېيىشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا قاراش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ سىستېما داۋام قىلسا زۇلۇمنىڭمۇ ئوخشاشلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رانا سىئۇ ئىنبودېن (Rana Siu Inboden) سۆز ئالدى. . ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىش جەھەتتە نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بايلىق، قۇدرەت ۋە خەلقئارا تەسىر جەھەتتە نوپۇز ساھىبىغا ئايلانغاندىن كېيىن بۇ ۋاسىتىلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى بۇزۇشقا سەرپ قىلغان. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى سۇيۇقلاندۇرىۋەتكەن؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي ئىزچىل تۈردە ب د ت نى كونترول قىلىشنى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ زۇلۇم ماشىنىسىغا ۋاسىتە قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ب د ت باش شىتاۋىدا ئوخشىمىغان مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا بەكمۇ ئاشكارا نامايان بولغان: خىتاينىڭ تەسىرىدىكى نەچچە ئونلىغان دۆلەتلەر ئاشكارا ھالدا خىتاينى ھىمايە قىلىپ خىتاي ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر خەلقئارالىق ھەمكارلىق ھاسىل قىلىشى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان.
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون (Sophie Richardson) بولدى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان دوكلاتلىرىدا ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن، سىستېمىلىق نازارەت ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى، ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. .
گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە دېموكراتىيە دۇنياسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا ئېنىق پرىنسىپ ۋە ئىرادە بىلەن تاقابىل تۇرۇشى، بۇ جەھەتتە خەلقئارا بىرلىكسەپ ئورنىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش، دېموكراتىيە دۇنياسى پۇقراۋى جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈش قاتارلىق تەۋسىيەلىرىنى سۇندى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى ۋە دوكلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تاشقى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشىدا ئەڭ ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يېڭىدىن تەشكىللىنىش ئالدىدا تۇرغان دۆلەت مەجلىسىدىمۇ بۇ ھالنىڭ داۋام قىلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.