چېخىيەدە چاقىرىلغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

چېخىيەدە چاقىرىلغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

چېخىيەنىڭ پايتەختى پراگادا چاقىرىلغان «خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىن ئىلىم ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك ھالدا «ئۇيغۇر رايونى خىتاي مۇستەملىكە قىلىۋالغان زېمىن» دېگەن خۇلاسىسى بىلەن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

بۇ يىغىننىڭ يېپىلىش كۈنىدە، يىغىن خۇلاسىسىنى چىقارغان ئەلانۇر ھارت خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ يىغىندىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئىمپېرىيالىزم بىلەن مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان چۈشەنچىمىز توغرىسىدىكى سوئاللارنى ئالاھىدە ئويلاۋاتىمەن، شۇنداقلا بۇ سوئاللارنىڭ نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن تېخىمۇ خۇشالمەن. بۇ ئىككى كۈندە بىز، بۇ قىيىن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق، مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگۈچىمىزدىن بىرى بىزگە ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىدەك، ياۋروپادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سىرتىدىكى مۇستەملىكىچىلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردىن ھەمىشە ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ھەر بىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدۇ، ئوخشىمىغان ساھەدە ئىشلەۋاتىمىز، قاتتىق باستۇرۇش دەپ ئاتالغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسئۇلىيەت بىلەن يېقىنلىشىۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بۇ دىراماتىك ئارقا كۆرۈنۈشنى كوللېكتىپ ۋە شەخسىي ئەستە ساقلاش، كىملىك، تىل، زوراۋانلىق، شىددەت، باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدىن تارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ياشايدىغانلارغىچە مۇلاھىزە قىلدۇق، بۇ يىلقى ‹خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى› دېگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈچۈن، مۇستەملىكىچىلىك توغرىلىق تەتقىق قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم بولدى».

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئۇيغۇرشۇناس، ئۇيغۇر ناۋايچىلىقى تەتقىقاتچىسى لېئو مايە ئەپەندى «خىتاينىڭ نان سىياسىتى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ناۋايلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر نانلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى چۈشەندۈردى. يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لېئو مايە ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىن كەلگەن تەتقىقاتچى دوكتور توموكى ياماكى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ بارىن ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى دىنىي سىياسىتى» دېگەن تېمىسىدىكى لېكسىيەسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

يىغىندا، ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ دوكتورى كېۋىن كاررېكو دوكلات بەردى، بۇ دوكلاتتا بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ «سەن قايسى مىللەت؟» دەپ سورىغان بىر خىتايغا، «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ جاۋاب بېرىشى مىسال ئېلىنغان بولۇپ، بۇنى كۆرگەن يىغىن ئەھلى جىمىپ كەتتى.

كېۋىن كاررېكو ئەپەندى زىيارەت جەريانىدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ:

«بىر دۆلەت مەلۇم بىر دۆلەتنى ياكى خەلقنى مۇستەملىكە قىلغاندا، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ تارىخىي ئىزلىرى، مىللىي كىملىكى، دىنىي ۋە تىلىنى يوقىتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق، ئۇ مۇستەملىكە تۇپراقنى مەڭگۈلۈك يۇتۇۋېلىش ۋە ئۇ يەرنىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشنى داۋام قىلىدۇ» دېدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتورى، ئۇيغۇرشۇناس ئاندرىي كلېمىس ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەمنۇنىيىتىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز سانلىقلاشتۇرۇلۇشى ۋە نامراتلىقتا قالدۇرۇلۇشى، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇقۇمى، ئۇنىڭ سىياسىي تەسىرى، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ مۇستەملىكىچىلىك مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن ئەدەبىياتى ۋە مۇستەملىكىچىلىككە بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، چەتئەللىك ئالىملارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن تەبىرى ۋە كۆز قاراشلىرى يىغىن ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنى ئەڭ جانلاندۇرغان ئامىللار بولدى.

ئەلانور ھارت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بەزى ئۇقۇملارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈش مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ئەمەس ئالىملار يەنىلا‹ئاز سانلىق› دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى. بۇ ئاتالغۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش قانائەتلىنەرلىك ياكى ئىجابىي بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا مەسىلىلەرنى قانداق ئۇقۇملاشتۇرۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىندا، ئىلمىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر رايونى، يەنى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىلىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلارنى مۇھاكىمە قىلدى، مەنچە بىز بۇ مەسىلىلەردە يەنىمۇ تۈجۈپىلەپ، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بىلەن تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاز سانلىقلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق بۆلۈمى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا قاتناشقان ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە مۇستەملىكە تارىخى مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك ھالدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇستەملىكىچىلىك جەريانىدا يۈز بېرىدىغان ئاسسىمىلياتسىيە، باستۇرۇش ۋە مۇستەملىكە زېمىننى يۇتۇۋېلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلۇق ھادىسىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ئەركىن ياشاپ كەلگەن، مەركىزىي ئاسىيادىكى باشلامچى بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.