Responsive Image

د ئ‍ۇ ق 8 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى

د ئ‍ۇ ق 8 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى

2024-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

(8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇش ئارقىلىق تىزىملىتالايسىز!)

https://docs.google.com/forms/d/e/1FAIpQLScIHpSs2iRNCRN0_2WfcYBKEcmFnMLg8K90BZaLrq7pgkNbxw/viewform

8 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش كومىتېتلىرى تەسىس قىلىندى، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرى بۈگۈن يەنى، 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى رەسمىي باشلاندى ۋە 6- ئاينىڭ 30-كۈنى يېرىم كېچە سائەت 12:00دە رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ. ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە 7 – ئاينىڭ 27- ۋە 28– كۈنلىرى بىر تۇتاش ھالدا ۋەكىللەر سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

8 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە نامزات بولغۇچىلارغا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداش مىللەتلەر، قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىقىغا ئۆزىنى كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى ۋەكىل سايلاش كومىتېتلىرى بۇ بەلگىلىمىنىڭ پۈتۈن ماددىلىرىغا مۇتلەق ئەمەل قىلغان ئاساستا ۋەكىل نامزاتلىرىنى تاللاپ چىقىشى لازىم :

1- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار ۋە قۇرۇلتاينى ھىمايە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتلىرى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلىشى؛

2- ھەر قايسى دۆلەتلەردە سايلاپ چىقىلىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ئەڭ ئاز ئۈچتەن بىر قىسمى ياشلاردىن ۋە خانىم – قىزلىرىمىزدىن تەركىب تاپقان بولۇشى؛

3- ۋەكىل نامزاتى جەزمەن 18 ياشنى تولدۇرغان بولۇشى؛

4- ئۇيغۇرچىسى راۋان بولۇش بىلەن بىرگە، ئەڭ ئاز بىر چەتئەل تىلىنى بىلگەن بولۇشى؛

5- ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى كۈچلۈك، مىللىي دەۋا سېپىمىزدە مىننەتسىز پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان، قوللايدىغان كىشى بولۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەردە بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ د ئ‍ۇ ق مەنپەئەتىنى بەجانىدىللىق بىلەن قوغدايدىغان، تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلايدىغان بولۇشى؛

6- ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا خىزمەت قىلغان بولىشى ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئالمىغان بولسىمۇ ئۆز ئالدىغا مىللىي دەۋايىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى؛

7- ئۆزى ۋە چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى خىتتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتتايغا باغلىنىشلىق بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تىجارىي ئورۇنلار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىدە بولمىغان بولىشى؛

8- چوقۇم كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بولىشى، ئىلتىماس قىلغان ۋەزىپىگە سايلانغان ياكى تەيىنلەنگەن تەقدىردە، ۋەزىپە ئالغان مۇددەت ئىچىدە ئۆزى مەسئۇل ساھە ھەققىدە تەپسىلىي پىلان – پروگرامما تۈزۈپ چىقالايدىغان ۋە ئۇنى جانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى لازىم؛

9- قۇرۇلتاي ئېچىلغىچە بولغان مۇدەتتىن ئەڭ ئاز ئۈچ يىل ئىلگىرىگىچە ۋە د ئ‍ۇ ق نىڭ ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان مۇددەت ئىچىدە، شۇنداقلا ۋەكىللىك مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە ئانا ۋەتەنگە، خىتتاي ۋە خىتتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى رايونلارغا بارمىغان ۋە بارمايدىغان بولۇشى؛

10- سىياسىي جەھەتتىن بەلگىلىك ئاڭ ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولىشى، خەلقئ‍ارا سىياسەت، خىتتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولغان بولۇشى؛

11- د ئ‍ۇ ق تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئۇيغۇرلۇق بەدىلىنى ئىزچىل تۈردە تۆلەپ كەلگەن بولۇشى؛
( ئورۇنلۇق سەۋەب تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلۇق بەدىلىنى تۆلىمىگەنلەر، نامزاتلىققا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆتكەن 30 ئايلىق بەدەل پۇلىنى تۆلىشى، ئەگەر بىر قىسمىنى تۆلەپ، بىر قىسمىنى تۆلىمىگەنلەر كەم قالغان قىسمىنى تۆلىۋېتىشى شەرت).

12- 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىقىغا قايتا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئۈچ يىللىق ۋەكىللىك جەريانىدىكى ۋەكىللىك بەدىلىنى ئىزچىل ۋە تولۇق تاپشۇرغان بولۇشى؛

13- 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىقىغا قايتا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئۈچ يىللىق ۋەكىللىك جەريانىدا، ئۆزلىرى تەۋە بولغان كومىتېتتا ئاكتىپ رول ئوينىغان بولۇشى، كومىتېت يىغىنلىرىغا ۋە ۋەكىللەرنىڭ تور يىغىنلىرىغا تولۇق قاتناشقان بولۇشى؛

14- ۋەكىل نامزاتى چوقۇم 8 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە قاتنىشالايدىغان بولۇشى؛
( كېسەللىك، ۋىزا ئالالماسلىق ۋە باشقا پەۋقۇلئ‍اددە سەۋەبلەردىن ئومۇمىي قۇرۇلتايغا بىۋاسىتە كېلىپ قاتناشمىغان ۋەكىللىرىمىزگە، تەييارلىق كومىتېتى ۋە د ئ‍ۇ ق رەئ‍ىسلىكىنىڭ قارارى ئاساسىدا ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ ).

15- يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن بۇرۇن ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسۈتۈپ بولۇشى؛
( 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 23:50 دىن كېيىن قالغان ئىلتىماسلار قوبۇل قىلىنمايدۇ!)

16- د ئ‍ۇ ق تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋەكىللىككە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى سايلام كومىتېتىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇشى؛
(بۇ جەدۋەل تور ئارقىلىق ئېلېكترونىك شەكىلدە ياكى قەغەز يۈزىدە يازما شەكىلدە تولدۇرىلىدۇ. بۇ جەدۋەل ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ.)

بىز، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر، جۈملىدىن بارچە ۋەتەنداشلىرىمىزنى 8- نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ جىددىي سەپەرۋەرلىككە كېلىشكە، بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇرۇلتاي ۋەكىللىك سايلىمىدىن تارتىپ، ئاخىرقى قۇرۇلتاي رەھبەرلىك سايلىمىغىچە، قۇرۇلتايدىكى ئەركىن مۇزاكىرىلەردىن تارتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قارارلارنى ئېلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا، بۇ قۇرۇلتاينىڭ، خەلقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان، خەلقئ‍ارا سەۋىيەدىكى غەلبىلىك بىر قۇرۇلتاي بولۇپ ئۆتۈشىگە ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇشقا چاقىرىمىز!

8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇش ئارقىلىق تىزىملىتالايسىز!

https://docs.google.com/forms/d/e/1FAIpQLScIHpSs2iRNCRN0_2WfcYBKEcmFnMLg8K90BZaLrq7pgkNbxw/viewform