Responsive Image

د ئۇ ق ئاخباراتى: شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 – يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!

د ئۇ ق ئاخباراتى: شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 – يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!

بۈگۈن 8 – ئاپرېل بولسا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 – يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجا شەھىرىدە مەخسۇس ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇيان بۇ شەرەپلىك كۈننى ئىپتىخارلىنىش ۋە غۇرۇرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1944 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزغا ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا قۇربان بولغان پۈتۈن ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى قايتا ئىزھار قىلىمىز، مىللىي ئارمىيە بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، كۈرەشچان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھامان بىر كۈنى يەنە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى ۋە مىللىي ئارمىيەسىنى جەزمەن قۇرۇپ چىقىدۇ!

ئارمىيە-بىر دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى، شۇ دۆلەت خەلقلىرى، ئۆز دۆلەت زېمىنىدا ئەركىن، زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشىشىنىڭ ئاساسى. ئارمىيەسى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن خالى بولالايدۇ، خەلقلىرىمۇ زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشايدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 2-ئايدا ئېلى ۋىلايىتىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلدى. نۆۋەتتىكى ھەربىي ۋەزىپە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۆزىنىڭ پارتىزان قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قوشۇننى ئومۇمىي يۈزلۈك قوراللاندۇرۇش، ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشنى نىشان قىلغان. بۇ ۋاقىت يېرىم مىليون ئەتراپىدا نوپۇسى بولغان ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئازاد بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنى قۇرۇشتىكى شەرت-شارائىتىنى ھازىرلىغان ۋە تەقەززا قىلغان بىر شارائىتتا ئىدى.

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، «19-نومۇرلۇق قارار»نى ماقۇللاپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىنى قاراردىن ئۆتكۈزدى. بۇ قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندىكى 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان بارلىق گىراژدانلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋاقتى 3 يىل بولۇش بەلگىلەندى . ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىش، ئازادلىق ئۇرۇشى ئېھتىياجى دەۋرى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، بارلىق ئەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈشى،بارلىق ھەربىي چىقىمنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى، ئەسكەر-ئوفىتسېرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، قورال بىلەن تەمىنلەشنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەربىي سەپكە قاتناشقانلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جان-سانىغا ئاساسەن قوشۇمچە ياردەم قىلىش قاتارلىق بەلگىلەندى .

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەمىناتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «21 نومۇرلۇق قارار»نى ماقۇللىدى. «21 نومۇرلۇق قارار»دا ھەربىي قوشۇننىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ 1300 تۇياق ئات ھازىرلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قوشۇن، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇش بەلگىلەندى .

1945-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ، قۇرۇلماقچى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرىدە : شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى باش قوماندانلىق ئىشتابىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي قوماندانلىق باش ئىشتابى»غا ئۆزگەرتىش، باش ئىشتاب تەركىبىدە سىياسىي بۆلۈم، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى، ھەربىي سوت مەھكىمىسى، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، رازۋېدكا بۆلۈمى، جەڭ قىلىش بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمى، قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بولۇشى قارار قىلىندى.

ئەينى چاغدا رەھىمجان سابىر ھاجى، ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارمىيە قۇرۇشتىكى مەخسۇس بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. بۇ ھەيئەت رەھىمجان سابىر ھاجى يېتەكچىلىكىدە، ئىۋان پالىنوف، ئەخمەتجان قاسىمى، تېيىپ ھاجى باسىتوف، زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان . ئۇلار قۇرۇلغۇسى مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ئىنتىزام-قائىدىلىرى، قوشۇنلارنىڭ تۈرى، ھەتتا ھەربىي فورما، بايراق، شۇنداقلا بارلىق ھەربىي قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇ توغرىدىكى تالاش-تارتىش نەتىجىسىدە، ئارمىيە قۇرۇشتىكى لايىھەنى ئىشلەش خىزمىتى ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمغا ھاۋالە قىلىنغان. ئارمىيە قۇرۇشتىكى لايىھە، مۇزاكىرە جەريانىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلىنغان. بەزىلەر تۈركىيەنىڭ ئۇسۇلى بويىچە «شەرقىي تۈركىستان ئوردىسى» دېگەن تەكلىپنى بەرسە، بەزىلەر «ئىسلام قوشۇنى»، «ئازادلىق قوشۇنى»، «مىللىي ئارمىيە» دەپ ئاتاشتەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەخمەتجان قاسىمى، تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ھەربىي فورمىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى توغرىسىدا تۈزىگەن لايىھەسى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قايىل قىلىدۇ، ئەلىخان تۆرىمۇ لايىھەنى قوبۇل قىلىدۇ.

لايىھەدە قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتاش، ھەربىي فورما، قوشۇن تۈزۈلۈشى، ئۇنۋان، ۋە باشقا تەرەپتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللاۋاتقان، مەلۇم دەرىجىدە ياردەم كۆرسىتىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ مودېلىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ لايىھەنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولغان.

ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمىلىرى، ئۇنۋان ۋە قوشۇن تەركىب سىستېمىسى، چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئارمىيەسى مودېلىنى ئۈلگە قىلغان بولسىمۇ ئەمما پاگون، كاكارلىرى، ۋە ئوردېنلىرى شۇنىڭدەك كىيىم ۋە بىر قىسىم ھەربىي قائىدىلىرى يەنىلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى، غايىسى بويىچە بېكىتىلگەن.

كاكارلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان كۆكۈش رەڭلىك ئاينىڭ ئىچىگە ئېلىنغان يۇلتۇز بولۇپ، يۇمىلاق شەكىلدە ياشالغان. ھەربىي بايراق يېشىل رەڭلىك بولۇپ، بايراققا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان ئاي-يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مېدال-ئوردېنلارغىمۇ ئاي-يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەن.

ھەربىي ئۇنۋانلار تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان تۈزۈمى بويىچە تەسىس قىلىنغان. ئالى دەرىجە مارشال، گېنېرال لېتنانت بولۇپ، مارشال ئۇنۋانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرىگە بېرىلگەن. ھەربىي ئۇنۋان، ئاتالغۇلىرى، كۆپىنچە سوۋېت ئارمىيەسى ئاتالغۇسى بويىچە رۇسچە ئېلىنغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇلار خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلار ئىدى. يەنى ئارمىيە، كورپۇس، دىۋىزىيە، پولك، باتالىيون، روتا، مارشال، گېنېرال، پولكوۋنىك، مايور، كاپىتان قاتارلىقلار.

1945-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ ئورنىغا ھەربىي ئىشلار نازىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بۆلۈملەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، قۇرۇلۇشى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇنتىزىم قوشۇنلىرى، شۇنىڭدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى دەپ ئاتالدى.

جىددىي تەييارلىق قىلىش، پارتىزان ئەترەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، غۇلجا، سۈيدۈڭ ۋە باشقا جايلاردا قۇرۇلغان پولك، باتالىيونلار رەسمىي تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىم ئاتلىق، پىيادە پولك، باتالىيونلىرىغا ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ياشلار يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مۇنتىزىم ھەربىي مەشقكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

1945-يىلى-4-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى يىغىن چاقىرىپ، «43-نومۇرلۇق قارار»نى ماقۇللىدى. «43-نومۇرلۇق قارار»دا، ئارمىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھەربىي فورمىلىرى، ھەربىي ئۇنۋانلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بېكىتىلدى.

غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم پولك، باتالىيونلار ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى جاكارلاش ۋە پاراتتىن ئۆتۈشكە جىددىي تەييارلىق قىلدى. كوماندىر-جەڭچىلەرگە يېڭىدىن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمۇلىلىرى تارقىتىپ بېرىلدى .

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى تۇغ مەيدانىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە تەنتەنە بىلەن رەسمىي جاكارلىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە، مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ خوجا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىرىدىن ئىسھاقبەگ مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي، ھەربىي رەھبەرلەر ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمىدا سەھنىدىن ئورۇن ئالدى.

ئېلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ كاپالىتى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيە-شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، غۇلجىدا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەردىن باشقا غۇلجا خەلقى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە-جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەيدان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا تولدى. ئارقىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ باش، مۇئاۋىن قوماندانلىرى، ئىشتاب باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى قوشۇنلار كوماندىرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى پولك، مۇستەقىل باتالىيونلارغا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق يېشىل، ھەربىي بايراقلارنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ئېلىخان تۆرە ئۆز قولى بىلەن بايراقنى ھەرقايسى قىسىم كوماندىرلىرىغا تاپشۇرىدۇ. كوماندىرلار بايراقنى ئوڭ قولى بىلەن يۈزىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىشتى .

بايراق تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال ئىۋان پالىنوف قوماندانلىقىدا، ئېلىخان تۆرەنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەرقايسى پولك، مۇستەقىل باتالىيونلار ئۆز رېتى بويىچە پاراتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

ھەيۋەتلىك مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى رەت-رېتى بويىچە، مارش دەسسەپ پاراتتىن ئۆتكەندە ھاياجانغا چۆمگەن غۇلجا خەلقى چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىدىن پەخىرلىنىپ كۆز-ياشلىرىنى توختىتالمىدى. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، لوزۇنكىلار ھەممە ياقنى قاپلىدى.

بۇ كۈن پەقەت غۇلجا خەلقىنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى»نىڭ قۇرۇلۇشى، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىققا، ھۆرلۈككە، مۇستەقىللىققا تەشنا ئارزۇسىنى نامايان قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى، تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەس قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈرەشچان جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2022-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى