Responsive Image

د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن

د ئۇ ق ھەيئىتى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەند ئۇ ق ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى سوپىيە سكامپس خانىم بىلەن كۆرۈشمەكتە، 2022-يىلى 24-نويابىر، كامبېرا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا 12 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى غەرب ئەللىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ،  ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبېرا شەھىرىدىكى پارلامېنتتا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان. ھەمدە  ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ،  بۇنىڭغا كۆپ ساندا مۇخبىر ئىشتىراك قىلغان.

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى  د ئۇ ق رەھبەرلىرى،   لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى سوپىيە سكامپس خانىم (Sophiye Scamps)، يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى باربارا پوكوكك (Barbara Pocock)  خانىم، لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مايكول مككورماكك (Michael McCormack) ) ئەپەندى ۋە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى پېتەر خالىل (Peter khalil)  قاتارلىق  12نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن   كۆرۈشكەندە  ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.   ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشلاردا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ باش كاتىپى ھەلىمە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ  ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلىغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەمكارلىقلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىلا، يەنى 23-نويابىر  بەزى كۆرۈشۈشلەرنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن پېتېر دۇتتون (Peter Dutton)،لىبېرال پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جەيمىس پاتېرسون  (James Paterson) ۋە يەنە ئاندرېۋ خاستېHastie) Andrew), كايلېيا تىنك (Kyle’a Tink) قاتارلىق  پارلامېنت  ئەزالىرى  بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقانىدى.