Responsive Image

د ئۇ ق ھەيئىتى سىدنېيدىكى يەرلىك پارلامېنتنىڭمۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان

د ئۇ ق ھەيئىتى سىدنېيدىكى يەرلىك پارلامېنتنىڭمۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت سىدنېي شەھەرلىك پارلامېنتتا دوكلات بەرمەكتە، 2022-يىلى 25-نويابىر، سىدنېي.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى يەرلىك  پارلامېنتىدا  دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى  ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان   ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ  رەئىسى مەمەت ئوبۇل  مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىدنېيدىكى شتاتلىق پارلامېنتتا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىغىندا ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتىمىز گۇۋاھلىق بەردى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى  رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن بولدى. دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى دوكلات بەرگۈچىلەردىن سوئال سورىدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەزى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۇق».

مەزكۇر ھەيئەت – 25نويابىر چۈشتىن كېيىن سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆھبەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان. مەمەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «چۈشتىن كېيىن  سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تەتقىقات مەركىزىدە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. 2 سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت جەريانىدا د ئۇ ق ھەيئىتى، لاگېر شاھىتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە،  ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداقلا سىدنېيدىكى يەرلىك پارلامېنتنىڭ <ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى>نى ئېتىراپ قىلىپ قارار ماقۇللىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ كىرىلىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلدۇق».


سىدنېيدىكى يەرلىك پارلامېنت بىلەن سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىنلاردا گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق بىلەن ئۆمەربەك ئالى ئەپەندىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن. قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقىلى 3 كۈن بولدى. بۈگۈن سىدنېيدىكى يەرلىك پارلامېنتنىڭ زالىدىكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەردۇق. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ خېلى كۆپ كىشى قاتناشتى. پارلامېنت ئەزالىرى بىزنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇردى. بىز دوكلاتلىرىمىزدا ئۇلارغا بولغان تەلەپلىرىمىزنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزگە، <شەرقىي تۈركىستاندا راستىنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھازىر كارانتىننى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدۇ، بۇلارنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك> دېيىشتى. مەنچە سىدنېيدىكى پائالىيىتىمىزمۇ ياخشى ئۆتتى».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاۋسترالىيەدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۈنلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن  سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتون  (Peter Dutton)  قاتارلىق 20 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت، تاشقى ئىشلار  مىنىستىرلىقى بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ  مەسئۇللىرى بىلەنمۇ  ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقانىدى.