Responsive Image

د ئۇ ق كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى

د ئۇ ق كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتىب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق نامايىشتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە.

2022-يىلى ئاخىرلىشىپ 2023-يىلى كىرىش ئالدىدا، يەنى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر كەلگۈسىدىكى خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسىي دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ۋە د ئۇ ق نى قوللاۋاتقان 75 دەك ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، جەمئىي 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىق قىلغان بۇ يىغىندا، ئالدى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە 2022-يىلى ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تور يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ 2022-يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى، شۇندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2023-يىلىدا د ئۇ ق نىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نىشانىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش. 2022-يىلى 5-ئايدا مىيۇنخېندا چاقىرىلغان مىللىي كېڭەش بىلەن 11-ئايدا بېلگىيەدە چاقىرىلغان ‹ئۇيغۇر مۇنبىرى› يىغىنىدا بۇ ھەقتە ئېلىنغان قارارنى خەلقئارا مەتبۇئات بىلەن ئورتاقلاشتۇق. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ‹2023-يىلىدا نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟› دېگەن ۋاقتىمىزدا، بىرىنچى بولۇپ خەلقىمىزنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزگە ئاڭلىتالمىساقمۇ ۋەتەن سىرتدىكى خەلقىمىزگە خىتاينىڭ خەلقىمىزگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت تېرورلۇقىنى ياخشى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. خەلقىمىزگە تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، قايتىدىن خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىز، خەلقىمىزنى ئويغىتىشىمىز كېرەك. ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپ ئويغانمىغان خەلقىمىزنى ئويغىتىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە، دېموكراتىيەگە، دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز، ‹خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ› دېسەك پەقەتلا ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالايمىز. بىز خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا، ئىنسانىيەتكە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ۋاقتىمىزدا، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2023-يىلى قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن دۇنياغا سىياسىي كۈرىشىمىزنىڭ ئەھمىيەتىنى ياخشى چۈشەندۈرەلىشىمىز كېرەك. بىز كەلگۈسىدە قۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقان مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى ياخشى شەرھىيلىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ رېياللىقنى بىز ياخشى بىلىمىز، ئەمما بۇنى دۇنيا ياخشى بىلمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇنى دۇنياغا تارىخىي ۋە قانۇنىي پاكىتلار بىلەن ياخشى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنچىلار، تارىخچىلار قاتناشقان ئىش پىلانىمىزنى 2020-يىلى باشلىغان ئىدۇق. بۇنى 2023-يىلى پۈتتۈرمەكچىمىز. بۇلاردىن سىرت، بىز قۇرىدىغان دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھەلىرىنى تەييارلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ مىللىي كۈرەشتە قىلمىساق بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلىرىمىزدۇر.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ 2023-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «2023-يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز. ھازىر بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. 2023-يىلى ب د ت دا مۇھىم پائالىيەتلەر بولىدۇ. 2023-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا 52-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىدۇ. شۇڭا بۇ يىل 9-ئايدىكى 51-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىندا رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بولغان دىپلوماتىيەلىك پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ب د ت بىزنىڭ خىتاي بىلەن يۈزتۇرانە تۇرۇپ كۈرەش قىلالايدىغان بىردىن-بىر خەلقئارالىق مەيدان، شۇڭا بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتمەكچىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى 27 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، دەۋيىمىز ئۈچۈن بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. 2023-يىلى بىز قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم خىزمەت، مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە بولغان تەشۋىقات خىزمىتىمىزنى كۈچەيتىشتۇر. بۇ يىل 9-ئايدا ب د ت دىكى قارار لايىھەسىنى قوللىغان مۇسۇلمان دۆلىتىدىن پەقەت بىر سومالى بار. بىزنى قوللايدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك. دۇنيادا 57 مۇسۇلمان دۆلىتى بار، بۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. 2023-يىلىدا بىز يەنە بۇ يىل باشلاتقان لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بولغان خىزمەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز كېرەك.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلاتىدا بۇرۇنقى يىللاردا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا قارارلار ماقۇللىغانلىقىنى، 2023-يىلىدا بۇ قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

25-دېكابىر كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى خىزمەت پىلانىغا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 4 سائەت داۋاملاشقان كېڭەيتىلگەن يىغىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ يېڭى يىللىق تەبرىكسۆزى بىلەن ئاخىرلاشتى.