Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە چەت ئەل سىياسىيونلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەشتى

د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە چەت ئەل سىياسىيونلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلەشتى«ياۋروپانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ رولى» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق كومىسسارى نۇرى تۈركەل ۋە ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى يان سىمىس دونكىن (Ian Duncan Smith) سۆزگە چىقتى. 2024-يىلى 4-ماي، ميۇنخېن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلەر رامكىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەمدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يىغىنلارغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بۇ سۆھبەت يىغىنلىرىغا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. 4-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ رولى» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىندا ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى يان سىمىس دونكىن (Ian Duncan Smith)، فىرانسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئانتوينىتتى گوخل خانىم (Antoinette Guhl) قاتارلىقلارمۇ بىۋاسىتە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يان سىمىس دونكىن ئەپەندى سۆزىدە، ئۆزىنىڭ داۋاملىق ھالدا دۇنيانىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بىر تەھدىت بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى؛ دۇنيادا «خىتايدا ياسالمىغان» مال تېپىش ئىمكانسىز بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەڭ كىچىك بىر تەدبىر ئارقىلىق، يەنى خىتاي بىلەن ئادەتتىكىدەك تىجارەت قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى، خىتاينىڭ دۇنياغا كەلتۈرۈۋاتقان تەھدىتى ھەققىدىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارغا بېسىم ئىشلىتىش، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئادەتتىكىدەك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى توختىتىش» لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئانتوينىتتى گوخل خانىممۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مۇھىم يۇقىرى تېخنىكىلارنى ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان سېرىك توپا (Rare Earth) نى ئىشلەپچىقىرىشىنى مونوپول قىلىۋېلىش ئارقىلىق، ياۋروپانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ماددىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، «بىز بىر مۇكەممەل ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە ئارقىلىق خىتايغا بولغان بېقىنىشىمىزنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۆزلىرى قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى تەبرىك خېتى ئەۋەتكەن. ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى رەئىسى توم سوزى (Tom Souzzi) ئەپەندى، ئىتالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گيۇللىيۇ تەرزى (Giulio Terzi)، ياپونىيە پارلامېنتى ئەزاسى كېيجى فۇرۇيا ئەپەندى، كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىقى سىياسىيونلار ھەممىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى خىزمەتلىرىگە، ئۇلارنىڭ ھارماي-تالماي ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم سوزى تەبرىك سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلدىن بېرى توختىماي ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىغا رەھمەت يېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلار ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادا ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك كىرىزىسلار سەۋەبىدىن دىققەتنىڭ بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە تارتىشىمىز كېرەك، مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بولۇۋاتقان باشقا بارچە ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىگە دىققەت تارتىشقا تىرىشىمەن» دېدى.

ئىتالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى گيۇللىيۇ تەرزى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەسلىكىنى دېيىش ئۈچۈن قارىغۇ بولۇش كېرەك» دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە «ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ سايىسىدە ئۆگەندى. شۇڭا بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھارماس-تالماس روھىغا رەھمەت ئېيتىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشكە تامامەن ھەقلىق.» دېدى. ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشىنىڭ ھەم ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ھەمدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە بېرىلىدىغان كۈچلۈك سىگنال بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ د ئۇ ق غا بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ۋە كانادا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.