Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندى

د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندىد ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 5-ماي، ميۇنخېن.

گېرمانىيەنىڭ مىيونخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە، يەنى 5-ماي كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى» دەپ قارىلىدىغان ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقى خاتىرىلەندى. مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى 1914-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان سىرلىق «ئايروپىلان ۋەقەسى» دە ۋاپات بولغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى ئەمدىلا 35 ياشقا كىرگەن ئىدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى باشلانغاندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز ئالدى ھەمدە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىنلا دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پېشقەدەم ئىنقىلابچى، د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى قەھرىمان غوجامبەردى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شاۋكەت ئىمام ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان مۇھاكىمە باشلاندى. ئۇلار ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۆز قاراشلىرىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. جۈملىدىن «مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدىكى كۈرەشلىرى»، «ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى» قاتارلىق تېمىلار بويىچە مەرھۇمنى ئەسلەپ ئۆتتى.

قەھرىمان غوجامبەردى شۇ قاتاردا كۆپچىلىككە مەلۇم بولغان «ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلىشى» ھەققىدىكى پىكرى ۋە ئىزدىنىشلىرىنى، شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب تارىخى» دىكى ئورنى ۋە رولىنى، شۇنداقلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھەربىي كىشىلىكى، پەزىلىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ئەخمەتجان قاسىمى خۇددى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى» ئۈچۈن سىتالىننىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ كېلىپ، بۇ ھالنى تاتار سىياسەتچى سۇلتان گالىيېۋ بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەھرىمان غوجامبەردى رادىيومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش مۇساپىسىنى تەتقىق قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەرنى كاتالوگ قىلىپ چىققان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئارخىپلاردىنمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سىياسىي ھاياتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنى ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىشقا يېتەكلەپ كەلمەكتە. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاچ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ سۆھبەتتىن كېيىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قۇل ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى بىر نۇقتا شۇكى، ئەخمەتجان قاسىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى ئەخمەتجان قاسىمى ياشىغان دەۋرنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك.

بۇ سۆھبەتتىكى يەنە بىر تېما زىيا سەمەدىنىڭ «ئەخمەت ئەپەندى» رومانى بولدى. «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران «ئەخمەت ئەپەندى» رومانىنىڭ نەشىر قىلىنىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، زىيا سەمەدى ئەينى دەۋردە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن دەۋرداش ۋە سەپداش بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بىر تارىخىي رومان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىك ۋە يىلنامىلار شۇ دەۋردىكى ھەقىقەتنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان.

ئابدۇجېلىل تۇران شۇ قاتاردا بۇ روماننى نەشىر قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە «ئۈچ ئەپەندى» ھەققىدە تەتقىقات ماتېرىياللىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە يېتەرلىك تەتقىقات يوق؛ ھەتتا بۇ ھەقتە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىمۇ بولمىغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى بۇ سۆھبەت پۈتۈن سالوندىكى تىڭشىغۇچىلارنى ئۆزىگە بەكمۇ جەلپ قىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنى ھاياجانغا سالدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئالدۇلھامىت قاراخان «شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى دىيالوگلار»، «11 بىتىمنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇ ھۆكۈمەتتىكى رولى» قاتارلىق تېمىلار بويىچە ئىزدىنىشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى. ئابدۇلھامىت قاراخاننىڭ قارىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا 11 بېتىمنى ئىمزالىشىنى مۇئەييەن تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى، دەپ قاراش مۇمكىن.

شاۋكەت ئىمام بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئەخمەتجان قاسىمى يالغۇز غۇلجا خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدىكى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىغا جايلاشقان «ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىگاھى» بىر مەھەل غۇلجا ياشلىرى توي قىلغاندا خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغان بىر زىيارەتگاھقا ئايلانغان. شۇنىڭدەك ھەرقايسى جايلاردىن غۇلجىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ۋە دۇئا قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.

ئەخمەتجان قاسىمى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم تارىخىي ۋە سىياسىي شەخسلەرنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا د ئۇ ق مەرھۇمنىڭ تەۋەللۇتىنى قۇرۇلتاي دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بىلەن بىرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.