Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقى !

د ئۇ ق نىڭ 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقى !

ئەزىز قېرىنداشلار، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13- يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2009 – يىلى يۈزبەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.
شۇ كۈنى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھېسابلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگېرلىرىغا ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.
بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردىن بۇيان مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ھەقىقىي بىر ئۈستى ئوچۇق ناتسىستلارنىڭ لاگېرىغا ئايلاندى، مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ۋە جازالاش لاگېرلىرىدا جان تالاشماقتا، زىندانلاردىن ۋە ناتسېس لاگېرىغا ھەر كۈنى دېگۈدەك شېھىت خەۋەرلىرى كەلمەكتە، قانغا بويالغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا بۈگۈن خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ – زارى ۋە دات -پەريادلىرى يۈرەكنى لەرزىگە سالماقتا.
تېخى يېقىندىلا ئاشكارىلانغان«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ نەقەدەر زور يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جامائەتچىلىك ئالدىدا يەنە بىر قېتىم تولۇق دەلىللەپ بەردى.

5 – ئىيۇل شېھىتلىرىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان باتۇر ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى يات ئېتىش ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا پاش قىلىش بولسا بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىجدانى، ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچىمىزدىن ئىبارەت.
ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ۋە بۇ ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى، شۇنداقلا مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جىددىي يوقۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە جانلىق شەكىلدە ئاڭلىتىش بولسا قۇرۇلتىيىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە كۈنتەرتىپىدىن ئىبارەت، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقنىڭ 13 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قارارلارنى ئالدى :
بىرىنچى : يېقىندا ئاشكارىلانغان ۋە خەلقئارادا ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق شوئارى ۋە يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئورۇن ئالغان ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن مەخسۇس سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش قىلىپ ئىشلەندى، ھەرقايسى ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە بۇ كۆرۈنۈشلەرنى بىر تۇتاش ھالدا قوللۇنۇشى ئۈچۈن قۇرۇلتىيىمىز تەشكىلاتلىرىمىزنى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنى بۇ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىككىنچى : ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 -يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاساسىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىغا ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىغا، شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى پاش قىلىنغان مەزمۇندا نارازىلىق مەكتۇپى يوللىنىدۇ، ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ قۇرۇلتىيىمىز تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ھازىرلانغان بايانات ۋە نارازىلىق مەكتۇپىنى بىرتۇتاش ھالدا قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈچىنچى : ھەرقايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ قۇرۇلتىيىمىز تەرىپىدىن بىر تۇتاش ھالدا ھازىرلانغان نارازىلىق مەكتۇپى ئاساسىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتىغا ، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار پاش قىلىنغان نارازىلىق مەكتۇپى يوللىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

تۆتىنچى : ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەرقايسى تەشكىلات ۋە جامائەتلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى تۈرك – ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە باشقا ئاممىۋىي گۇرۇپپىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە قاتنىشىشىدا بىر تۇتاش ھالدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نارازىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز؛

بەشىنچى : ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈزبەرگەن 5 – ئىيۇل كۈنىدىن 7 – ئىيۇل كۈنىگىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەگەر ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى يول قويسا، ئۆيىنىڭ بالكونلىرىغا ۋە ماشىنىلىرىغا بىردەك ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى قاداشقا تىرىشىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشى لازىم.

ئالتىنچى : پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز، 5 -ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن 3 كۈنگىچە ئۆزلىرى باشقۇرۇۋاتقان ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى قارايتىشىنى ۋە رەڭسىز شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

يەتتىنچى : دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈزبەرگەن 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتىگىچە توي – تۆكۈن ئۆتكۈزمەسلىك، ئولتۇرۇش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىق ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ 5 – ئىيۇل شېھىتلىرىگە بولغان تەزىيەسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىمىز.

سەككىزىنچى : د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى ئاستىدا، 5 – ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە بىر تۇتاش ھالدا 5 – ئىيۇل شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش ، ئۇلارنىڭ روھى ئۈچۈن نەزىر -چىراغ ۋە دۇۋا – تەكبىر پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش لازىم، بولۇپمۇ نامايىش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ھازىردىن ئېتىبارەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي باشلىشى لازىم.

توققۇزىنچى: د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان چەتئەللىك ئاخباراتچىلار ۋە مۇخبىرلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 -يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاساسلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا مەخسۇس خەۋەر – ماقالىلەر ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنى تۈرلۈك ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ئەزىز قېرىنداشلار، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز شۇنچە زور بېسىم ، تەھدىت ۋە قىرغىنچىلىقلارغا پىسەنت قىلماي، پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ، دەھشەتلىك قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە ناتسېس لاگېرىغا مەھكۇم بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇد بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولۇشىمىز لازىم !

مىللىي غۇرۇرىڭىزنى ، ۋىجدانىڭىزنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكىڭىزنى ۋە ئىمانىڭىزنى سىنايدىغان پەيت كەلدى، شېھىتلىرىمىزنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن، ھېچقانداق باھانە -سەۋەب كۆرسەتمەي، د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشىدە دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا غەيرەت قىلىڭ !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
20.06.2022