د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى

د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 27-ئۆكتەبىر، سارايېۋو.

27-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق)نىڭ بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا ئېچىلىۋاتقان 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا يېپىلىش نۇتقى سۆزلىگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن نۇتقىدا 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشلىرى» تېمىسىدا توختالدى. شۇنىڭدەك قۇرۇلتاينىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شەرەپ مېھمانلىرىغا ئۆزى ۋە يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ ۋەدىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ توغرىسىدا نۇقتىلىق قىلىپ «بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ھۆر ۋە دېموكراتىك ھوقۇقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە قۇرۇلتاي نىزامنامىسىگە قوشۇلىدىغان بەزى ماددىلار ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھات ۋە قۇرۇلتاي نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن بەزى تۈزىتىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

قۇرۇلتاينىڭ بۈگۈنكى كۈنتەرتىپىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمى ئۆز كومىتېتلىرىدىكى گۇرۇپپىلارنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان ئىدى. ياپونىيەدىن بۇ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتاينىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلانغان ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تەپتىش بولۇپ سايلانغانلىقىنىڭ بىر شەرەپ ۋە زور مەسئۇلىيەتكە ئىگە بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كانادادىن كەلگەن كەۋسەر كامىل 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ياشلىقىغا قارىماي ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بەزى ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىدى. نەتىجىدە بۇ قېتىممۇ ئوخشاش ۋەزىپىگە تەكرار سايلىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ياش رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيداندا 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ھەر قايسى كومىتېتلىرىغا سايلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ كومىتېتلارغا رەئىس ۋە مۇدىر بولۇپ سايلانغانلىقىنىڭ ھاياجىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتىلىۋاتقان ياش دىپلوماتى، ئاكتىپ پائالىيەتچى زۇمرەتئاي ئەركىن ئانا تىلىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا بىرنەچچە چەتئەل تىلىدىنمۇ ياخشى خەۋەردار بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيا د ئۇ ق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. بۇ جەرياندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا كۆپلىگەن خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇر خەلقى ۋە قۇرۇلتايغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئۇتۇقلۇق بىر ياقلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇ بۇ قېتىم قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھاياجانلىرى ۋە بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي 27-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە 22 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر، شەرەپ مېھمانلىرى، چەت ئەللەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە شەرەپ مېھمانلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەبرىكلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرى ۋە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغا قاتارىدا قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق رەسسام سابىت كامال ئوغلى باباجاننىڭ «ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ماي بوياق رەسىمنى تەقدىم قىلدى، شۇنىڭدەك يېڭى رەئىس تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنغا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن دوپپا كىيدۈردى.