Responsive Image

د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇش چاقىرىقى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەمەلىي قوللىشىغا ئېرىشتى

د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇش چاقىرىقى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەمەلىي قوللىشىغا ئېرىشتىد ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ناشتىلىق» پائالىيىتىدە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 12-مارت، گېرمانىيە.

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى د ئۇ ق نىڭ «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇش چاقىرىقىنى نەق مەيداندا ئەمەلىي ھەسسىلىرى بىلەن قىزغىن قوللىدى.

12-مارت كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە «ناشتىلىق» پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان 80 ئەتراپىدا ئائىلە قاتناشقانىدى. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇر جامائىتى قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ، ئىستىقلال مارشىغا جور بولدى.

مەزكۇر «ناشتىلىق» پائالىيەت ئىككى مۇھىم مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، د ئۇ ق نىڭ ئاخىرقى بىر يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرۇلۇق جامائەتكە مەلۇمات بېرىش. ئىككىنچىسى، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە مەنسۇپ بولغان «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇپ چىقىپ، د ئۇ ق نى كىرا تۆلەپ ئولتۇرىدىغان ھالەتتىن، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشخانىسى بولغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاخىرقى بىر يىللىق خىزمەتلەردىن مەلۇمات بەرگەندە، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشمىنىستىرلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى، ب د ت دا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى، گېرمانىيەدە چاقىرىلغان «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنى ۋە كانادا ئۆتكۈزۈلگەن «خالىفاكىس» قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىش ئەھۋاللىرى بايان قىلىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ «ناشتىلىق» پائالىيەتنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان د ئۇ ق نى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تەشكىلات نامىدىن رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشتەك ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالىدىغان بەزى ئۇتۇقلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە مەنسۇپ بولغان «ئۇيغۇر ئۆيى» قۇرۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر جامائىتى بۇ چاقىرىقنى قىزغىن قوللاپ، بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىشىپ، «ئۇيغۇر ئۆيى» نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەسسىلەر قاتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىسقىغىنە 2-3 سائەت ئىچىدە 170 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق پۇل يىغىلغان. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ توغرۇلۇق توختالغاندا، سورۇندىكى بۇ قىزغىن كەيپىياتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە پىداكارلىق روھىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق سېتىۋالماقچى بولغان ماكان 140 كۋادرات مېتېرلىق بىر دائىرە بولۇپ، تەخمىنەن 600 مىڭ ياۋرو پۇل كېتىدىكەن. د ئۇ ق بۇ پۇلنى گېرمانىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ خالىس ئىئانىسى ئارقىلىق توپلايدىكەن.