Responsive Image

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 3-ماي كۈنى كەچقۇرۇن باشلاندى. بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىگە جايلاشقان 24 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىگە كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن سەھنىگە تۇنجى بولۇپ د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، جەريانى ۋە نىشانلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى. يىغىندا گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رايندېرېيسپاكېر (Markus Rinderspacher) ، چېخ پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىرى ئوبېرفالزېر (Jiri Oberfalzer) ۋە تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى پېنپا سېرىڭ (Penpa Tsering) قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رايندېرېيسپاكېر ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى. ئۇ مۇراسىم ئۈچۈن گېرمانىيەگە كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئېلىپ «قەدىرلىك مېھمانلار! ھەممىڭلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىي پايتەختى بولغان ميۇنخېنغا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز» دېدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ميۇنخېندىكى ھەر ساھەدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ميۇنخېن شەھىرى ۋە گېرمانىيە ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى جاسارەت ۋە ئىشەنچنىڭ بەلگىسى، دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە بىر تۈركۈم قەھرىمان ئەر-ئاياللار 20 يىل ئاۋۋال قۇرۇپ چىققان بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىر دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئېغىر ۋەھشىيلىكلەرگە دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكى، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ سۈكۈت قىلىش ئورنىغا كەسكىن ۋە كونكرېت تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىن قەدەملەرنى ئېلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس! بىز ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ سىلەرنىڭ ئەركىنلىكىڭلارنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى.

ئارقىدىن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى پىتىر ھايت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلچانلىقى ۋە ئىزچىللىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ خەلقئارادا ھەر خىل سىياسىي تەشكىلاتلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما د ئۇ ق غا ئوخشاش تەشكىللىك ۋە ئىنتىزاملىق، شۇنداقلا ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

چېخ پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىرى ئوبېرفالزېر ئەپەندى بولسا سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭ چوقۇم جازالىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە چېخ پارلامېنتى دەل مۇشۇ ساھە بويىچە بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

ئاخىرىدا تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى سىرىڭ ئەپەندى سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتايدىن ئىبارەت بۇ زور كۈچنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگىلا زۇلۇم قىلىپ قالماي بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت پەيدا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ، ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

ھەر ساھەدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن كېيىن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى.