Responsive Image

د ئۇ ق شىۋېتسىيەدە «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرغان

د ئۇ ق شىۋېتسىيەدە «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرغاند ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى شىۋېتسىيەدە ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. 2023-يىلى ئاپرېل، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە. RFA/Ekrem

23-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان. بۇ جەرياندا ئۇلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بۈگۈن، يەنى 3-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بىر ھەپتىگە سوزۇلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق، رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق بولغانلىقىنى؛ پىلانلانغان پروگراممىلارنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئورۇنلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىگە زىچ ھەمكارلاشقان مەركىزى سىتوكھولمدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەختىنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق شىۋېتسىيەدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئوخشىمىغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ناھايىتى تەسىرلىك رەۋىشتە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتلىرىگە ھەمدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىغا شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە قىزىققانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيەدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا ئەھدىنامىلەر، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى بولغان. بۇ كۇرسقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ياش قاتناشقان. خەلقئارا قانۇنچىلار، ئادۋوكاتلار ۋە ھەر ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار لېكسىيە سۆزلىگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

سىتوكھولمدىكى پائالىيەتلەرگە ۋە ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ قاتناشقان. ئۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدىنقى يىلى لوندوندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارارىنى چىقىرىشقا قاتناشقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتچىسى ھامىد سابى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنىڭمۇ بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا دەرس بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىپتىخارلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىتوكھولمدىكى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرپېن شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەكبەرجانمۇ كېلىپ قاتناشقان. ئۇ بۈگۈن بۇ كۇرس ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغاندا، كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ مىللىي روھى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىدىن ئۆزىنىڭ بەكلا ھاياجانلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

فىنلاندىيەدە ياشايدىغان پاتىگۈل ئىسىملىك بىر خانىم، سىتوكھولمدىكى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئۆز قىزىنىڭ بۇ كۇرستىن كۆپ مەمنۇن بولۇپ قايتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەختىنۇر خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا ئوينىغان رولىغا تەشەككۈر بىلدۈردى.