دوكتور ئادرىيان زېنز بىلەن سۆھبەت: خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى

دوكتور ئادرىيان زېنز بىلەن سۆھبەت: خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىتەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 25سېنتەبىر، ۋاشىنگتون

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى (ILO) نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان مۇئامىلىسى ۋە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. دوكتور زېنز سۆھبەت جەريانىدا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشى ھەققىدىكى تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى لاگېرسىز مەجبۇرىي ئەمگەك» ئۇقۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە يېڭى بىر نۇقتىئىنەزەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. دوكتور زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلى ئەنئەنىۋى تۈرمە ئەمگىكىدىن پەرقلىق بولۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەڭ كۆلەملىك خاراكتېرگە ئىگە.

سۆھبەتتە دوكتور زېنز خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان مۇئامىلىسىدە كۆرۈلگەن ئۆتمۈشتىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە يېقىنقى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. بولۇپمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 2024-يىلىدىكى يېڭى خىزمەت نىشانىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، دوكتور زېنز دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن خىتايدىكى ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىق مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۆۋەنكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۆز مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ دوكتور ئادرىيان زېنز بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.

مۇخبىر: دوكتور زېنز، سىز خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئۆز دىققىتىنى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنلىرىدىن زامانىۋى قۇللۇققا يۆتكىگەنلىكىنى تىلغا ئالدىڭىز. سىزنىڭچە بۇ ئۆزگىرىش خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش لايىھەسى توغرىسىدا سۆز قىلىشىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

ئادرىيان زېنز: خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى (ILO) نىڭ 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئۆلچەم كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىققانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ يۆتكىلىشنىڭ سەلبىي تەسىرىنى بەكمۇ چوڭ بولدى، دېيىش مۇمكىن. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ دىققىتى زامانىۋى قۇللۇققا ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرىگىلا مەركەزلىشىپ قالغانلىقتىن دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقاشقا دائىر كۆرسەتمىلەرنى تۈزۈپ چىقالمىغانىدى. بۇ يېتەرسىزلىك ئۆزبېكىستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتىنى باھالاش جەريانىدا دەسلەپ بولۇپ كۆزگە چېلىقتى. شۇڭلاشقا، 2017-يىلى شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەندە بۇ خىلدىكى تەييارلىقسىزلىق تېخىمۇ ئېنىق نامايان بولدى. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ۋە كۆرسەتكۈچلەرنىڭ قايسى يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ناھايىتى مۈجمەل ئىدى. شۇڭا، مېنىڭچە بۇنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بىراق، بەختىمىزگە يارىشا، بۇ يىلقى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بۇ ئەھۋالنى بىر بالداق تۈزەتتى.

مۇخبىر: يېقىنقى تەتقىقاتىڭىزدا، سىز خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك سىستېمىسىغا ئەمەس، ئەكسىچە ئىش ئورۇنلىرىغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدىڭىز. بۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا، بولۇپمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئەھۋاللارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بېرەلەمسىز؟

ئادرىيان زېنز: بولىدۇ. دىققەت نۇقتىسىنى خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى باھالاشقا مەركەزلەشتۈرۈش خۇسۇسىي شىركەتلەرگە ماس كېلىدۇ ۋە شۇلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بىراق بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقاشقا، بولۇپمۇ لاگېر سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقاشقا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ خىل مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ دىققەتنى چالغۇتىدىغانلىقى ۋە ئاجىزلىق بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. مەن بۇنى بىر چاتاق ۋە كەمچىلىك سۈپىتىدە ئۆتكەن يىلى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ئىدىم.

مۇخبىر : سىز «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى لاگېرسىز مەجبۇرىي ئەمگەك» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بۇ ئۇقۇمنىڭ خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىغا قانداق تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ بولۇپمۇ خورلاشقا دائىر بىۋاسىتە دەلىللەرنى تېپىش قىيىن بولۇۋاتقاندا بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كەڭ دائىرىلىك خەۋپ-خەتەرلەرنى باھالاشتا نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ بېرەلەمسىز؟

ئادرىيان زېنز: شىنجاڭدا ئىككى تۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت. بۇنىڭ بىرى، لاگېرلار بىلەن باغلانغان. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرمە ئەمگىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. ئەمما شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك يەنە بىر خىل مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى بولسا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئاساسىغا قۇرۇلغان. مەن بۇنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى لاگېرسىز مەجبۇرىي ئەمگەك سەپەرۋەرلىكى» دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. چۈنكى بۇنى مەلۇم بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ياكى تۈرمىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇ قانداق ئىشلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە؟ بۇنى قانداق ئۆلچەيمىز؟ دېگەندەك سوئاللارغا دۇچ كەلگەندە بۇ مەيلى ئۇقۇم جەھەتتىن بولسۇن، ئىلمىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئەمەلىي سىناق نۇقتىسىدىن بولسۇن بىردەك بەكمۇ قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ مەن ئۆتكەن يىلقى تەتقىقاتىمدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك پەۋقۇلئاددە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇشاللىنارلىقى، مەن بۇ يىل خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى كۆردۈم.

مۇخبىر: سىز دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سالمىقى دۇنيا مىقياسىدا تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدا يەنىلا ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز. ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار قانداق قىلىپ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى توغرىسىدا سۆز قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ئۆزگىرىشنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، دەپ قارايسىز؟

ئادرىيان زېنز: مەن بۇنىڭغا ئازراق ئېنىقلىما بېرىپ قويۇشۇم زۆرۈر، دەپ قارايمەن. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئازىيىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولۇپ، بۇ ھال دەرۋەقە 2000-يىللاردا راست بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما 2010-يىللاردا بىز دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، ئەمما خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بولسا بۇنى بايقىيالمىغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەن بۇنىڭ قانداقلارچە كۆپىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشنى مۇھىم دەپ قارايمەن. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى دەسلەپتە بۇ كۆپىيىشنى ھېسابقا ئالمىغان ئىدى. ئەمما يېقىندا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بۇ جەھەتتە يېتىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خەلقئارا جەمئىيەت مەجبۇرىي ئەمگەك ساھەسىدىكى بەزى ئېنىق ھادىسىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈش بىلەن خىتاي دۆلىتى باش بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى نىشانلىغان ھەرىكەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەرلىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈشنى قانداق ماسلاشتۇرۇشى كېرەك؟

ئادرىيان زېنز: ھازىرغىچە شىركەتلەرنى ئاساس قىلغان خۇسۇسىي مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئېنىق ۋە ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئەھۋاللىرىغا دىققەت قىلىش داۋاملىق مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر بولۇپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇ ھەمىشە بىز قىلىشنى خالايدىغان ئىش، جۈملىدىن دۆلەت مەجبۇرلىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈنمۇ شۇنداق. سىز مەلۇم ئەھۋاللارنى ئۆلچىيەلەيدىغان بولۇشنى خالايسىز، ئەمما مەسىلە شۇكى، كۆپ ئەھۋاللاردا بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شۇنداقلا دۆلەت يۈرگۈزگەن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى باھالاشمۇ ئىشەنچلىك ئەمەس. شۇڭا كۆپ جەھەتتىن بىزگە ھەر ئىككى خىل ئۆلچەش ئۇسۇلى كېرەك ۋە ھەر ئىككىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭىلانغان قوللانمىسىدىكى يېڭى ئۆلچەم كۆرسەتمىلىرى مۇشۇ ئىككى خىل ئۆلچەم قۇرۇلمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ تەرەققىياتنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ چىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت، دوكتور ئادرىيان زېنز.

ئادرىيان زېنز: سىزگىمۇ رەھمەت.