Responsive Image

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى: «ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى: «ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق»د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا، 2022-يىلى دېكابىر، بېريۇسسېل.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇملىنىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنى ئۆيلىرىگە قامال قىلىۋاتقان، ئوت كېتىش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلىپ نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۈچىيىۋاتقان بۇ كۈنلەردە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا  بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

مەزكۇر  ھەيئەت 1-2-دېكابىر  كۈنلىرى  كۆپ ساندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچراشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى  زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا   ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىتىش ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلدۇرۇش   ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ  بۇ ھەقتە  مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى:  «بىز ئاۋسترالىيەدىكى زىيارىتىمىزنى يېرىم يولدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇدۇل بېلگىيەگە كېلىپ، ئۈچ كۈنلۈك مۇھىم پائالىيەت ئېلىپ باردۇق.  بۇ يەردە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردۇق.  بۇلاردىن سىرت بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتۇق».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى بۇ ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى،  ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملىنىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 24-نويابىردا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى،  خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ  بىر قىسمى. بۇ ئاددىي بىر ئوت كېتىش ۋەقەسى ئەمەس.  بىز بۇلارنى  ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە رەھبەرلەرگە ئاڭلىتىش،  ياۋروپا پارلامېنتىدىن  خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن،  خىتاينى  سوراققا تارتىشىنى، بۇنىڭ جاۋابكارلىقنى خىتايدىن سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلىش  مەقسىتى بىلەن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ باردۇق».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىككى كۈن جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ، ئىجابىي جاۋابلارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى:«ئۇچرىشىشلىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئۇچرىشىش جەريانىدا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ نۆل كوۋىت سىياسىتىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا بەزى قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىنى تەلەپ قىلدۇق، ئۇلارمۇ بۇ ھەقتە ئىجابىي جاۋاب بەردى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە كونكرېت قارارلارنىڭ ماقۇللىنىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى ئالدۇق. بۇلاردىن سىرت  بىز ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان 15 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلىشى، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنىمۇ تەلەپ قىلدۇق. بۇ تەلەپلىرىمىزگىمۇ ئىجابىي جاۋاب بەردى».

دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ئۇ، بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەڭ ئاخىرىدا بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتۇق. ياۋروپا  پارلامېنتىگە قويغان تەلەپلەر بىلەن ئوخشاش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، بېلگىيە كېلەر يىلى1 -ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولىدىغان بولغاچقا 3-ئايدا ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ يىل 9-ئايدا رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قايتا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىگە  كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىمۇ بۇ  تەلىپىمىزگە  ئىجابىي جاۋاب بەردى».

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى  ھەيئەت  ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەئىسى  دېيۋىد لەگا (Déywid Lega) ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل ئەرتۇغرۇل ئەپەندى ۋە فىل بەننىئون (Fil Benni’on)  قاتارلىق كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچراشقان.