Responsive Image

دولقۇن ئەيسا: «خىزمەت يىغىنىمىزنى بارسېلونادا ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئۆگىنىش»

دولقۇن ئەيسا: «خىزمەت يىغىنىمىزنى بارسېلونادا ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئۆگىنىش»ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ خىزمەت يىغىنىدا «كاتالونىيە مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ سابىق رەئىسى دولورس فەلىئۇ (Dolors Feli’u) خانىمغا خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى. 2023-يىلى 14-يانۋار.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشخانىلار ئېچىپ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان خادىملار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىشخانا مەسئۇللىرى، د ئۇ ق نىڭ ئاخبارات مەركىزى ۋە فوندىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلغان خىزمەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ 2022-يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىلگەندىن كېيىن 2023-يىلىدا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، 2023-يىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى، لوندون، باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ كالېندارى تۈزۈپ چىقىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بەردى.

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ خىزمەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 16-يانۋار.

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ خىزمەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 16-يانۋار.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل يىغىن ھەر يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بۇ يىل ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى مەقسەت مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېزىۋاتقان رايون ئىكەنلىكى ئىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى خىزمەت يىغىنىنىڭ بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى سەۋەب 2023-يىللىق پائالىيەتلىرىمىزنى كالېندار بويىچە مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىشتىن باشقا، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دوكلاتىمىزنى تاماملىغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى لوبى پائالىيەتلىرىمىزدە ھۆكۈمەتلەر ۋە دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش نۇقتىئىنەزىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. كاتالونىيە 2010-يىلىدىن تارتىپ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2017-يىلى بۇ تەلەپنى ئاۋازغا قويۇپ، خەلقنىڭ 90 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغانىدى. ئەمما بۇنى ئىسپانىيە ئېتىراپ قىلمىدى، دۇنيا دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلمىدى. باش مىنىستىر قاتارلىق 4 مىنىستىر چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى، 8 مىنىستىر كېسىۋېىتىلدى. بىز بۇ يەردە بۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئۆگىنىش، مەزكۇر كۈرەشتە غەلىبە قىلغان تەرەپلىرى قايسى؟ مەغلۇپ بولغان تەرەپلىرى قايسى؟ بۇلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدىكى تەجرىبىلىرىمىزىنى يەكۈنلەپ، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش مەسىلىسىمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا بىز كاتالونىيەنىڭ پايتەختى بارسېلونادا بۇ يىغىننى چاقىردۇق».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن «كاتالونىيە مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ سابىق رەئىسى دولورس فەلىئۇ (Dolors Feli’u) خانىم بىلەنمۇ مەخسۇس ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

د ئۇ ق نىڭ خىزمەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھەيئەت بارسېلونادىكى تىبەت مەدەنىيەت مەركىزىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، تىبەتلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىلىقمۇ بىزگە مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق نىڭ خىزمەت يىغىنىغا تۈركىيەدىن بېرىپ ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدىكى د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا «قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى دەۋانىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرەلەيمىز» دېگەن تېمىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، د ئۇ ق نىڭ 2023-يىللىق خىزمەت يىغىنىنىڭ بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بارسېلونادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كاتالونىيە ئاخباراتىدىمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 كۈن داۋاملاشقان خىزمەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان 21 خىزمەتچى خادىم يىغىن جەريانىدا ئۆزئارا پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولغان.