Responsive Image

دولقۇن ئەيسا: زۇلھايات ئىسمائىلدەك ئەمەلدارلار يۈزلەپ ماقالە يازسىمۇ خىتاينى ئاقلىيالمايدۇ

دولقۇن ئەيسا: زۇلھايات ئىسمائىلدەك ئەمەلدارلار يۈزلەپ ماقالە يازسىمۇ خىتاينى ئاقلىيالمايدۇقەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى زۇلھايات ئىسمائىل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزمەكتە. 2022-يىلى 26-ئۆكتەبىر.

يېقىندا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دا «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرۇلۇق پىكىر قىلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە بىلدۈرگەن ئىنكاسى ۋە قوللانغان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ: «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى زادى قانداق، بۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلىدۇ، پەقەت ئۇلارلا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» دېگەن قارىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى 2018-يىلدىن بۇيان ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار ۋە ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، يەرلەرنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش، نوپۇسنى مەجبۇرىي ئازايتىش، مەدەنىيەت ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى. 2022-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى خەلققە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانىدى. ھالبۇكى، زۇلھايات ئىسمائىل بۇ ماقالىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ: «ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا كىرىشىۋېلىپ، بىر قاتار يالغانلارنى سۆزلەپ، بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق نەتىجىلىرىنى يوققا چىقارماقچى بولغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىلا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلار بۇ ھەقتە گەپ قىلىشقا ئەڭ لايىق» دەپ يازغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زۇلھايات ئىسمائىلدەك ئەمەلدارلارنىڭ بۇنداق ماقالىنى ئونلاپ، يۈزلەپ ئېلان قىلسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ بۇ ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ ناھايىتى بىمەنە بىر ماقالە. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندا لاگېرلارغا قامالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. شىنجاڭدا دېموكراتىك سايلام يوق، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، كوللېكتىپ پائالىيەتكە قېتىلىش ئەركىنلىكى بېرىلگەن بولسىدى، ئەھۋالى ياخشىراق بولاتتى. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق. ئۇلار ھەتتا مەسچىتلەرگە بېرىپ ئىبادەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى ئاز-تولا ئىپادە قىلسىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىككە يولۇقىدۇ».

زۇلھايات ئىسمائىل بۇ ماقالىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقى، پەقەت شۇ يەردە ياشاۋاتقانلارنىڭلا بۇنىڭغا ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان. بۇ خىل ئىدىيە ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 2016-يىل 6-ئايدا كاناداغا زىيارەتكە بارغاندا، مۇخبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق قويغان سوئالىغا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ: «سەن خىتاينى چۈشىنەمسەن؟ سەن خىتايغا بارغانمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار سەن ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقى. بۇ ھەقتە سېنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقۇڭ يوق، بەلكى خىتاي خەلقىنىڭ بار» دېگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ بۇ ماقالىسى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ياكى ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن يېزىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئۇ يەردە ھېچقانداق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ، پەقەت لاگېر شاھىدلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت خىتايدىن قېچىپ چىققاندىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇلھايات ئىسمائىل بۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونى ۋە ئىچكىرىدە كەڭ-كۆلەمدە داۋاملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىپ: «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇلارنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كىرىمىنى ئۆستۈرۈپ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى» دېگەن بولسا، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش مەسىلىسىنى تامامەن بۇرمىلاپ: «دېھقانلار تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىش ئۈچۈن يەرلىرىنى ئۆزى خالاپ ئۆتۈنۈپ بەردى» دېگەن. ئەمەلىيەتتە بىڭتۇەن، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدە ئىگىلىۋالغانلىقى بىر ئەمەلىيەت. 2022-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىتاينىڭ خەلق تورىدا «شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپلەپ ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش تەكلىپى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ «ئۇلارنىڭ مائاشلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ 1950-يىللاردا يولغا قويغان كوممۇنالاشتۇرۇش تۈزۈمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىللاردىن باشلاپ، كونا مىللەتلەر سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، چېن چۈەنگو تىبەتتىن يۆتكىلىپ كەلگەن 2016-يىلدىن باشلاپ بۇ ھۇجۇم ئەۋجىگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەكتەپ، كىتابخانا، سەنئەت يۇرتى، موزېيخانا، مەسچىت، مازار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يوق قىلىنغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتكۈل مائارىپ ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى كۈچەيتىش كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان ۋە «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا نەمۇنىچى ۋىلايەت-شەھەرلەرنى 14 كە، ناھىيەلەرنى 90 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش سەپەرۋەرلىكى باشلانغان. يۇقىرىقىلار خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلار بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نامىدا خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان خەتەرلىك بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ نەزىرىدە بۇلار «ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا گۈللەپ ياشنىشى ۋە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىش يولىدىكى تەرەققىياتى» دىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئاتالمىش دوكلاتتا (بۇ يەردە ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتنى كۆزدە تۇتسا كېرەك) شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ‹خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ھۇجۇمى› دەپ ھاقارەتلەنگەن. مەدەنىيەت ھۇجۇمى دېگەن بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ يەنە بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگەرتىلمىدى، بەلكى قوغدىنىش ۋە تارقىتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى» دېگەن. زۇلھايات ئىسمائىل بۇ يەردە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قانۇنى» دېگەندەك قانۇنلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنىڭ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامى ۋە قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» غا كىرگۈزۈلگەنلىكى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.

رەھىمە مەھمۇت خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشتا ھېچقانداق رول ئوينىمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشقا، بۇ مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان زىيالىيلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىۋاتقان خىتاي ھەرگىز ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغدىمايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى مىسال بىلەن بايان قىلدى.

قانۇن دوكتورى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى دېگەندەك ئۇنۋانلارغا ئىگە زۇلھايات ئىسمائىل قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى» نىڭ باش مۇتەخەسسىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىسىدە «پەقەت شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلارلا بۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گەپ قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنى مەلۇم نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۆز ماكانىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ھەقىقەتنى سۆزلىيەلەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلار كىملەر؟ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «زۇلھايات ئىسمائىل، ھەتتا ئەركىن تۇنىيازلارمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازى پەقەت خىتاينىڭ ئەشەددىي زۇلۇمى ۋە بېسىمىدىن قۇتۇلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلىرىمىزدىن چىقىدۇ» دېدى.