Responsive Image

دوپپا بايرىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىپادىلەش ۋە قوغداش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى

دوپپا بايرىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىپادىلەش ۋە قوغداش ۋاسىتىسىگە ئايلاندىدوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ تەبرىكلىرىنى بىلدۈرگەن (سولدىن) ئۆركەش دۆلەت، دولقۇن ئەيسا ۋە مايسەم مۇتەللىپ. 2023-يىلى 5-ماي.

2023-يىلدىكى دوپپا بايرىمى چەتئەللەردە ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەندى.

فەيسبوك، تۋىتتېر، ئىنستگىرام قاتارلىق ئاممىۋى تورلاردا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيگەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى شۇ دۆلەت تىلىدا دوپپا بايرىمى ھەققىدىكى تەبرىك سۆزلىرىنى يوللىدى.

ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە يەنە ئۆركەش دۆلەت، دولقۇن ئەيساغا ئوخشاش تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئامېرىكادىكى مايسەم مۇتەللىپكە ئوخشاش ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن تارتىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيگەن كۆرۈنۈشلەرنى چىقىرىپ، ئاۋازلىق تەبرىك سۆزلىرىنى يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەنگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ يىللىق دوپپا بايرىمىنىڭ بۇ دەرىجىدە كەڭ-كۆلەملىك تەبرىكلىنىشىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ يىلقى دوپپا بايرىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىمۇ يوقىتىشى ئەۋجىگە چىققان ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق دوپپا بايرىمىنى بۇنداق كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلىش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي ۋە مىللىي-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

دوپپا بايرىمى 2012-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش كىيىم كىيىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن كۈچەيگەن بولۇپ، كېيىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالاشقان دوپپا بايرىمىغا ئايلانغانىدى.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە باشلانغان بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان بايرام تۈسىنى ئېلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداش روھى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان دوپپىنى جامائەت ئارىسىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەردىن تارتىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگىچە كېڭەيتىش، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شۇ دۆلەت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن سورۇنلاردىمۇ كىيىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى نامايان قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغداشتىكى كۈرەش قورالىغا ئايلانماقتىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.