«دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» دە، بۇ مۇنبەرنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى لېۋىي رىتتەر خانىم يۈرەك سۆزلىرىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «دۇنيادا ھازىر مۇھىت بۇزغۇنچىلىقلىرى، سىياسىي زىيانكەشلىكلەر، يات مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلالماسلىق ۋە سىغدۇرالماسلىق دېگەندەك نۇرغۇن نۇرغۇن مەسىلىلەر بار» .
لېۋىي رىتتەر خانىم يەنە: «بىز بۈگۈن بۇ يەردە يالغۇز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قانداق قوغداشنى ئەمەس بەلكى، زوراۋان، دىكتاتور كۈچلەرنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى؛ بىز شاھىت بولۇۋاتقان، ئىنسانلاردىن تارتىپ تەبىئەتكىچە دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە يوقىتىشنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا يېپيېڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇنازىرە قىلىمىز» دەيدۇ.
شىۋېتسارىيەنىڭ گراۋبۈندەن شىتاتىدىكى پونترېسىنادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئەخلاق مۇنبىرى» ئېكولوگىيە ۋە ئىنسانلىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، پائالىيەتچىلەر، يازغۇچىلار، ئالىملار، مىللىي قانۇن چىقارغۇچىلار، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، سەنئەتكارلار ۋە پەيلاسوپلاردىن تەشكىللەنگەن، «خەلقئارالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر» دەپ ئاتالغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر قاتنىشىدىغان بىر چوڭ مۇنبەردۇر.
بۇ مۇنبەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ھەر يىلى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇنبەرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىم قاتناشقان.
مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلار «بىز قانداق قىلىپ ئۆزىمىز، باشقىلار ۋە دۇنيا ھەققىدە يېڭى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئورتاق غايىگە ئېرىشەلەيمىز» دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇنبەردە يەنە پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆز جۇغراپىيەسى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
رىزۋانئاي خانىم بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋە بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتقان. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەرگەندە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى ئاڭلاپ يىغلىشىپ كەتكەن. ئۇلار رىزۋانئاي خانىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېلىشقۇسىز بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن دۇنيانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بەل قويۇۋېتىش ياكى چېكىنىش سەۋەبى بولماسلىقىنى ئېيتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر قاچان ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادە قىلىشقان.
رىزۋانئاي خانىمنىڭ يەنە رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يىغىندىن كېيىنكى ئەركىن سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئائىلە كىرىزىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە زورلىنىشى ۋە خىتاينىڭ قەرز قىلتىقى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە بولغان.
تۆت كۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇنبەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېكولوگىيە، تەبىئەت ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقلىرىمۇ ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولغان.