Responsive Image

«دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «زىيارىتى» ۋە «باياناتى» قوزغىغان غەزەبلىك ئىنكاسلار

«دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «زىيارىتى» ۋە «باياناتى» قوزغىغان غەزەبلىك ئىنكاسلار

ىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، سۈرىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە-ھېرتسېگوۋېنا، تۇنىس، سېربىيە، جەنۇبىي سۇدان، ماۋرىتانىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، ئىئوردانىيە، ئوماندىن ئىبارەت 14 دۆلەتتىن تەشكىللىگەن ئاتالمىش 30 دىن ئارتۇق ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى «دىنىي زاتلار»، «ئالىملار» ۋە «مۇخبىرلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارەت ئۆمىكى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

ئۇلارنى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتايغا سادىقلىقى بىلەن نام چىقارغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى، «خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ئايرودرومدا كۈتۈۋالغان.

8-يانۋار كۈنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقادىكى باش ئەلچىسى لى ليەنخې قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەزكۇر ئۆمەك ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرۇلغان.

خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىملىق زىيارەت ئۆمىكىگە «دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى» نىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئامى يېتەكچىلىك قىلغان ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ھەم قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە 40 نەچچە ئادەمنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىدەك پاجىئە يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان بۇ ئۆمەكنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۇچرۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ بىرىنىمۇ تىلغا ئالماي خۇددى ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەتكەن باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى ئۆمەكلىرىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ ئىنكاس قايتۇرۇشى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەك ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمىسى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، خەلقئارا چوڭ بازاردا كەزدۈرگەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام كونسېرتىنى تاماشا قىلدۇرغان.

خىتاي تېلېۋزىيە خەۋەرلىرىدىكى سۈرەتلەردىن ئاتالمىش «ۋەكىل» لەرنىڭ ئۇيغۇر مەززىلىك تائاملىرى، ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ھەيران قېلىشىپ، بەس-بەستە يان تېلېفونلىرىنى قولىدىن چۈشۈرمەي سىن ۋە سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بىر قاتار زىيارەتلەردىن كېيىن، مەزكۇر ئۆمەكنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قويغان باش سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كۈتۈۋالغان. ئۇلار، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن باياشات ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

شىنجاڭ تېلېۋېزىيىسىدە كۈرسىتىشىچە، ماۋرىتانىيەدىن كەلگەن ئاتالمىش يازغۇچى ئالىم بەھرا ئابداللاخ سەيىد: «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ھالدا پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسىتىگە تامامەن ئۇيغۇن» دېگەن.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى نوغاي مەسچىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتى» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان ئۆمەك باشلىقى، «دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى» نىڭ رەئىسى ئەلى رەشىد نۇئامى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «تېروررلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن «بىز شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق.»

خىتاي تاراتقۇلىرى، مەزكۇر ئۆمەكتىكىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ماختاپ قىلغان ئاپىرىن سۆزلىرىنى ھەمدە زىيارەتنىڭ تەپسىلاتىنى پۇرسەتتىن پايدىللىنىپ، تەپسىلىي خەۋەر قىلغان. ئەمما بۇ يالغانچىلىقلارغا چىداپ تۇرالمىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئاممىسى باتۇرلۇق بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئىنكاس يېزىپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلغان.

لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت «يىك-توك» تىن ئېلىپ فېيسىبۇك بېتىدە 9-يانىۋار تارقاتقان شۇنداق ئىنكاسلار خاتىرلەنگەن بىر قىسقا ۋېدىيو زور ئىنكاس قوزغىماقتا. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بۇ ئاتالمىش «ئىسلام ئالىم ئۆلىمالىرى» نىڭ سۆزلىرىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس بېرىلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرى پاش قىلىنغان. ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە قاتتىق تەقىپى ئاستىدىمۇ بۇ ئۆمەكتىكىلەرنىڭ ئاساسسىز باياناتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلغان.

خىتاينىڭ تەشۋىقات سۇپىلىرىغا بۇ ھەقتە خىتايچە ئاشكارا ئىنكاس قالدۇرغانلار «ۋاي، ئەجەپمۇ بەختلىك بىز يەي!»، «ئۆلگۈدەك خوشال بىز!»، «ماۋۇ تەرجىمان ئۇنىۋېرسىتېتتە ئوقىغانمۇ؟»، «ئۇلارنىڭ بۇ كۆرسىتىۋاتقانلىرى ئېلانمۇ؟»، «ماۋۇ ئەرەبنىڭ سۆزىگە خاتا ئاۋاز بېرىپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟»، «بۇ توقۇشقا بەك ئۇستىكەن، جۇمۇ!»، «ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى تەبركلەشكە ئەرزىيدۇ»، «ئامال يوق. . . .» «يوقال!»، «مەن بىر دەم كۈلىۋالاي» دېگەندەك نەپرەتلىك، كىنايىلىك سۆزلەر بىلەن رەددىيە يازغان. ئۇلار يەنە بىزار بولغان، يىرگىنىۋاتقان، غەزەپلەنگەن ۋە كۆز يېشى قىلىۋاتقان ئىموجىلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئچىپ كۆرسەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلىرىنى ماختاپ بايانات بېرىۋاتقان ئ‍ەلى راشىد ئەل نۇئامى-دۇنيا مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ھىدايەت خەلقئارا باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە ئەل-ماجال مېدىياسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى، ئەرەب خەۋەرلىرى ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئەل-ئەين خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىكىن. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە لوندوندىكى 7D News نىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، «دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى» (WMCC) نى قاتتىق ئەيىبلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «‹دۇنيا مۇسۇلمان جامەئەتلىرى كېڭىشى› نىڭ بۇ تەشۋىقات زىيارىتىگە قاتناشقانلىقى ۋە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى ياڭرىتىۋاتقانلىقى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. بۇ WMCC نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان مىليونلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلغانلىقىدۇر، ھەمدە بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسىي نىزامنامىسىگىمۇ زىت كېلىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنى، ئىسلام دىنىي يېتەكچىلىرى ۋە ئۆلىمالىرىنى ھەمدە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتىلغان ۋەھشىيىيانە جىنايىتىنى قەتئىي ئەيىبلەشكە چاقىرىق قىلدى.

نۆۋەتتە خىتاي تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ زىيارەت ئۆمىكنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا يەنە ئالتاي قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلاردا ساياھەت قىلدۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يېپىشىغا قولچوماق بولۇۋاتقان بۇ ئاتالمىش «مۇسۇلمان ئالىملار ئۆمىكى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەنقىدىگە پىسەنت قىلماي، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتلىرىدا رول ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىنمۇ كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.