Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدىكانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن سەمىر زۇبەرى (Sameer Zuberi)، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئالېكىس دۇسەپ (Alexis Duceppe) ۋە نورۋېگىيە «ياش لىبېراللار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئانى برېيۋىك (Ane Breivik) بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى. 2023-يىلى مارت.

كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن سەمىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) نىڭ «10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش» ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىدە ئوينىغان رولى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. يېقىندا ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتدىشى، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئالېكىس دۇسەپ (Alexis Duceppe) ۋە نورۋېگىيە «ياش لىبېراللار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئانى برېيۋىك (Ane Breivik) بىلەن بىرلىكتە «نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى» غا مەكتۇپ يوللاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشى بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر چوڭ نامايەندە بولۇپ قالدى.

مەزكۇر نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەلۇم بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ يېڭىلىقتىن سۆيۈندى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سەمىر زۇبەرى ۋە ئالېكىس دۇسەپنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش، كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش جەريانىدا ئۆزلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشلاردىن بەكمۇ ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ۋۇجۇدقا چىقارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر سوتىنى تەشكىللەش خىزمەتلىرىنىڭ مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىمۇ ئوخشىمىغان سىياسىيونلار نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى بۇ خىلدىكى كۆپ قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىشنىڭ ھەرگىزمۇ تەسادىپى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئىشلار ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. .

د ئۇ ق نى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئالېكس دۇسەپنىڭ «نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى» غا يوللىغان مەكتۇبىدىمۇ مۇشۇ خىلدىكى مەزمۇنلار ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭ رادىيومىز بىلەن ئورتاقلاشقان بۇ مەكتۇپىدا مۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ: «د ئۇ ق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان بىر تەشكىلات. چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىق ۋە زۇلۇم ئاساسىدىكى تۈزۈمىگە تىنچلىق شەكلىدە قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيە ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى ئۈچۈن تىنچلىق شەكلىدە كۈرەش قىلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر، سىياسىي مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغانلار، چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ قالغانلار دېگەندەك كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تىنچلىق شەكلىدە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى».

بۇ قېتىمقى نامزاتلىققا كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن زور ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. .

بۇ جەھەتتە مەمەت توختى ئەپەندىممۇ شۇنداق قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، د ئۇ ق يېقىنقى يىللاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە بەزى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر چوڭ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى خەلقئارانىڭ بىر قېتىملىق ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. .

مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئىچىدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان، خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن جوشۇا ۋوڭ، گوللاندىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان. بۇ يىللىق مۇكاپات 2023-يىلى 10-دېكابىردا تارقىتىلىدۇ.