دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقتىدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن. 2024-يىلى 26-ئۆكتەبىر، سارايېۋو

26-ئۆكتەبىر كۈنى، بوسنىيەدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلاش ۋە ئاشكارا نازارەت قىلىش ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە، ئەركىن ئەخمەتوۋ، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە ئابدۇرېشىت ئابدۇلھامىتلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس بولسا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاپ چىقىلدى. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇلھەمىد قاراخان، ئەركىن زۇنۇن، مۇتەللىپ قۇربان ۋە پولات سايىملار سايلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە بۇ سايلامنىڭ ناھايىتى دېموكراتىك ۋە چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا تاماملانغان ئادىل بىر سايلام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ ئالدىدا، يەنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن قەھرىمان خوجامبەردى، «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوقمانجان ھىرا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماھمۇت ئىمىن داموللام، دوكتور سۇلتان ماھمۇت قەشقەرى، «ئىلى مەشرەپ ۋەخپىسى» دىن قۇدرەت غۇلجا قاتارلىق شەرەپ مېھمانلىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا پىكىر-تەكلىپلىرىنى، تەبرىكلىرىنى ۋە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى تەقدىم قىلدى.

ئارقىدىنلا، پەرھات مۇھەممىدىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئالدى بىلەن قۇرۇلتاي سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇنىڭ رەئىسلىك دەۋرىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمى 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىن ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرى يەكۈنلەپ ئۈچ يىللىق خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى تەقدىم قىلدى. سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا سۆزىدە 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» نى نىشان قىلغان پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىنلا سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسانىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا سايلاپ چىقىلغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئىستېپانامىسى تاپشۇرۇۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىلدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن تەقدىرنامە ھەدىيە قىلىندى. شۇنداقلا 8-قۇرۇلتاينىڭ سايلام نازارەتچىلىكى ئۈچۈن ئالىي دىۋان ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، سايلام تەرتىپى ۋە رەھبەرلىك نامزاتلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى سايلامغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى تور ئارقىلىق ئاۋاز بېرىش شەكلى شەكلىدە تاماملاندى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدەك يىللاردىن بۇيان د ئۇ ق نى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەن شەخسلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى. نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ بۇ سايلام ھەققىدە ئويلىغانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ سايلانغاندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ۋەزىپە ئالغان ئاياللار ۋە ياشلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرى بىر-بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ جامائەت بىلەن قايتا دىدارلاشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ سايلام ھەققىدىكى تەسىراتى ۋە بۇندىن كېيىنكى نىشانلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بوسنىيەدە ئېچىلغان بۇ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ سايلىمى خىتاينىڭ بېسىمى، پاراكەندىچىلىكلىرى ۋە تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارىماي، بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بەزى دىپلوماتلىرى ۋە ئاخباراتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا، شۇنىڭدەك سارايېۋو ساقچى ئىدارىسى ۋە بوسنىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىنىڭ مۇھاپىزىتىدە داغدۇغىلىق داۋام قىلدى.