Responsive Image

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئەڭ يۈكسەك رەھبەرلىك ئورگىنى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتىيىدا، ئىككى قۇرۇلتاي ئومۇمى ۋەكىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە بىردەك ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا، تىنچ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى، ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسىي كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە 4 قېتىم ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە ئېچىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،  ئېچىلىش مۇراسىمىغا ياپونىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ۋە شۇنداقلا ياۋروپا، ئامېرىكادىن كەلگەن بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، تەبرىك نۇتقى سۆزلىدى،  بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتايغا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدىن توپلاپ 16 دۆلەتتىن كەلگەن 117 ۋەكىل قاتناشتى. قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ئاۋسترالىيە ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 112 ۋەكىل 40 دىن ئارتۇق كۆزەتكۈچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2006 – يىلى 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، 15 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىلنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان  ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر خەلق`ئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوند» نىڭ رەئىسى، «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»نىڭ رەئىسى بولۇپلا قالماستىن، 2004 – يىللىق خەلقئارا «رافتو مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى ئىدى. ئۇ يەنە 2005، 2006، 2007، 2008، 2009، 2010 ۋە 2011 يىللىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 5 يىلدىن ئارتۇق بىر مۇددەت خىتاي زىندانلىرىدا ئەزىيەت چەككەن رابىيە قادىر خانىم، 2005 – يىلى 17 – مارت ئەركىنلىككە ئېرىشكەن كۈنىدىن باشلاپلا، بارلىقىنى مىللىتىمىزنىڭ ئەركىن – ئازادلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى»، دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

2004 – يىلى چاقىرىلغان 1 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ئومۇمى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئاتاقلىق سىياسىيون ۋە دىپلومات ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىنى 2006 – يىلى 11 – ئايدا چاقىرىلغان 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قەدەر زىممىسىگە لىپ كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق دېموكراتىك بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.

د ئۇ ق دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى باياننامىسىدىن بارلىق ماددىلارغا ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغا ئاساستا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىگە قارشى ئىلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە، مۇستەبىتلىك ۋە تېررورىزمنى ۋاسىتە قىلىپ تاللاشنى  قەتئىي رەت قىلىدۇ.