دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 24- ئ‍ۆكتەبىردىن 27- ئۆكتەبىرگىچە بوسىنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا 8- نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. سايلامدىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 25- ئۆكتەبىردە «بوسىنىيە قىرغىنچىلىقىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نەزەر» ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى: يىغىندا ئۇيغۇر ۋە بوسىنىيە قىرغىنچىلىقى، خىتتاينىڭ ئۇزىغان قولى: چېگرا ھالقىغان باستۇرىشىنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى، ساختا ئۇچۇرلارغا قارشى كۈرەش: خىتتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرى، خەلق ھەرىكىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچى ۋە شاھىتلىقنىڭ زوراۋانلىق جىنايىتىنى قانۇنىي جەھەتتىن دەلىللەپ چىقىشىنىڭ رولى قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

26 -ئۆكتەبىردە، 27 دۆلەتتىن سايلانغان 176 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىل، ئېلېكترونلۇق شەكىلدە دېموكراتىك بىلەت تاشلاپ د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى. رەئىسلىك ۋە ئ‍ىجرائىيە كومىتېتى تەركىۋىدىكى كومىتېت ۋە مەركەزلەرگە 34 كىشى سايلاندى. دىۋان ھەيئىتىنىڭ دېموكراتىك سايلام شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، سايلام جەريانى تۆت خەلقئارالىق مۇستەقىل كۆزەتكۈچى تەرىپىدىن نازارېەت فىلىندى.

د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىم بۇ ھەقتە: ئۇشبۇ دېموكراتىك باسقۇچنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، ئوخشاش ۋاقتتا خىتتاينىڭ ھېچقانداق بىر تەھدىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە چىقىشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە دېموكراتىك ھەقلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرۋاقت قوللۇشىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

سايلامدىن بۇرۇن، ۋەزىپىلىرىدىن ئىستىپا بەرگەن د ئۇ ق رەئىسلىكى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى، قۇرۇلتاينىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىللىق دوكلاتىنى سۇندى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دىۋان ھەيئىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 27- ئۆكتەبىردە سايلانغان رەھبەرلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈچ يىل ئۈچۈن قۇرۇلتاينىڭ پىلان ۋە ئىستراتېگىيەلىرىنى بېكىتىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىچكىي يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىن جەريانىدا كومىتېت ۋە مەركەزلەرنىڭ مۇدىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ پىلان پروگراملىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋە ۋەكىللەر تەرىپىدىن مەۋجۇت قوشۇمچە نىزامنامىگە كەسپىي ئەخلاق قانۇنى ۋە بىخەتەرلىك قوللانمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ماددىنىڭ (17-ماددا) قوشۇلىشى ئۈچۈن ئاۋازغا قويۇلۇپ قوبۇل قىلىندى ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە قىلىندى. ئۇشبۇ ماددىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرى، سايلانغان ۋەكىللىرى، تەيىنلەنگەن خادىملىرى ۋە بارلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ قەتئىي رۇئايە قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

يېڭى نۆۋەتلىك د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن (گېرمانىيە)، ئۈچ مۇئاۋىن رەئىس: زۇمرەتئاي ئەركىن (گېرمانىيە)، ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت (تۈركىيە) ۋە ئەركىن ئەخمەتوف (قازاقىستان)، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس (ئامېرىكا) بولدى. سايلانغان باشقا رەھبەرلەرنى تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن تور بېتىمىزنىڭ 8- نۆۋەتلىك د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتى قىسمىغا قارىشىڭىزنى سورايمىز.