Responsive Image

ئەنقەرەدە ئۇدا ئۈچ كۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى

ئەنقەرەدە ئۇدا ئۈچ كۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى

د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 11-10-9-دېكابىر كۈنلىرى ئۇدا ئۈچ كۈن ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىنلاردا د ئۇ ق باشچىلىقىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قىلغان سۆزىدە تۈركىيە باشچىلىقىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 9-دېكابىردا ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 9-دېكابىرنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باياناتتا تۈركىيە باشلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ خىتاينى جاسارەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە ماس كەلگەن ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ۋەكىلى خەييرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئاخبارات يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان كۆپ ساندىكى رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن سوئال سورىدى.

10-دېكابىردا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزيە ئىدارىسى مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل خادىمى ئالىي بۇراق توپالوغلۇ ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا رادىيومىزغا مۇنۇلارنى دېدى: «دوكلات بېرىش يىغىنى ناھايىتى پايدىلىق بولدى. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق. مەن بۇلارنى ئاڭلاپ بەكلا ئەجەبلەندىم. خىتاي ھۆكۈمىتى، 2017-يىلىدىن بۇيان 1200 ئەتراپىدا جازا لاگېرىدا 3 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى تۇتۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپتۇ. 8 دۆلەت ۋە بىر ھۆكۈمەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىپتۇ. ئەمما خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتى داۋام قىلىۋېتىپتۇ. مەن بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئويلىدىم».

11-دېكابىردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدىمۇ «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر تارىخچى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى دوكلات بەرگەن. يىغىنغا تونۇلغان ژۇرنالىست راھمى ئەر ئەپەندى بىلەن خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان. مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

«9-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» ۋە «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتنىڭ كۆپىدىكى جامەلەردە جۈمە نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە نۇرغۇن ۋىلايەت، شەھەرلەردە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.