Responsive Image

گېرمانىيە 2024-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويماقچى

گېرمانىيە 2024-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويماقچىگېرمانىيە بېرلىن رېيچستاگدىكى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت بىناسىدا گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خورست سېخوفېر رەئىس سەھنىسىنىڭ مەركىزىدە يىغىندا سۆزلەۋاتىدۇ. 2018-يىلى 17-ماي، بېرلىن

گېرمانىيە پارلامېنتىدا تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» -گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ ناچار ۋەزىيەتكە يۈزلەنگەن بىر مەزگىلدە قۇرۇلدى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيەنىڭ بىر قىسىم مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر ھەم مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلدى.

5-سېنتەبىر «گېرمانىيە تاراتقۇسى» ناملىق كۆپ تىللىق تاراتقۇ ئېلان قىلغان «پارلامېنت ئەزالىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلماقچى» ناملىق قىسقا خەۋەردە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت بېشىدىكى 4 چوڭ پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى 11 نەپەر ئەزاسى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بولغان بولۇپ، ئۇلار «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن».

خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى «خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گېرمانىيە خەلقىنىڭ دىققىتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن». ب د ت ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ قىيناۋاتقانلىقى، تەن جازاسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان.

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 5-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «FDP سىياسەتچىسى ھايدت: خىتاي شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى تاقىشى لازىم» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە بايان قىلىشىچە، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بولغان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش يىغىنى تەشكىللەيدىكەن. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى (FDP) نىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ھەمدە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى پېتېر ھايدت (Peter Haydt) نىڭ مەتبۇئاتقا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى ئوڭچىللار ۋە سولچىللار پارتىيەلىرىدىن باشقا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاساسلىق 4 چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ياخشى مەلۇماتى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان گېرمانىيەنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەتمۇ پارلامېنتقا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق گېرمان شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن.

پېتېر ھايدتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئۆتكەنكى ھۆكۈمەتلەردىن پەرقلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسى ئاسان بىر ئارىغا كېلەلەيدىكەن. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەنمۇ تىل تېپىشالايدىكەن. بىراق، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پارلامېنتتا ئاۋازدىن ئۆتكۈزۈش گېرمانىيەگە نىسبەتەن مۇرەككەپ ھەم نازۇك مەسىلە ئىكەن. 2024-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنىدىن ئىلگىرى، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» دىكى پارلامېنت ئەزالىرى باشقا پارتىيەلەر بىلەنمۇ پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشى، شۇنداقلا ئوڭچىللار ۋە سولچىللارنىڭ توسالغۇلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مەركىزى جايلاشقان گېرمانىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېتىراپ قىلىنماسلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ كەلگەن ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئىدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بەزى غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال قوبۇل قىلالماسلىقىدىكى كونكىرېت سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان غايەت زور ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە خىتايغا ھەر جەھەتتىن بېقىنىپ قېلىشى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلالماسلىقىدىكى ھالقىلىق ئامىل ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى 2024-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

«FDP سىياسەتچىسى ھايدت: خىتاي شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى تاقىشى لازىم» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى شىنجاڭدىكى لاگېرلارنى چوقۇم تاقىشى كېرەك. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە كۆپ خىللىققا يول قويۇشى لازىم. خىتاي چوڭ بىر دۆلەت، ئەمما ھەممە ئىنساننى ئوخشاش بىر شەكىلدە ۋە ئوخشاش بىر مەدەنىيەتتە ياشاتماقچى بولۇش-ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ بىلىشى لازىم. مەيلى ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەر بولسۇن، مەيلى خوڭكوڭلۇقلار ۋە فالۇنگۇڭچىلار بولسۇن، ھەممىسى خىتاينىڭ بىر پارچىسى. خىتاي رەھبەرلىرى ھەممە ئىنساننى ئوخشاش قىلىمەن دەيدۇ، ئەمما بۇ ئىنسان تەبىئىتىگە تۈپتىن خىلاپ.»