Responsive Image

گېرمانىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي تەھدىت ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى مۇستەبىتلىشىشى سەۋەبلىك 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ياكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى قاتناشتۇرماسلىق مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخى پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرەلمىگەن. بىراق گېرمانىيەنىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىرى 29-دېكابىر ئۆز ئالدىغا قارار بېرىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن. 12-ئاينىڭ بېشىدا گېرمانىيە پىرىزدېنتى فرانك ۋالتېر شىتايىنمايېرمۇ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن بېيجىڭغا بارمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. دۆلەتنىڭ 3 مۇھىم رەھبىرىنىڭ بۇ قارارى گېرمانىيەنىڭ مەيدانىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ۋە باش مىنىستېر ئولاف شولىزنى قېيىن ئەھۋالدا قويغان.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ئانجىلا مېركىلنىڭ ئورنىغا باش مىنىستېر بولۇپ سايلانغان ئولاف شولىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش تەرەپدارى بولۇشىغا، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان 250 مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادىي كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق ئامىل بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن غەرب قىممەت قارىشىنى تاشقىي سىياسەتنىڭ يادروسى قىلىش تەشەببۇسىدا بولۇۋاتقان يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك بىلەن باش مىنىستەر ئولاف شولىز ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدىغان سۈركۈلۈشنى «پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى» دەپ ئاتاشماقتا ئىدى. مەتبۇئاتلار يەنە «گېرمانىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتىنى ئاننالېنا بايېربوك ئەمەس، ئولاف شولىز ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ» دەپ، ئاننالېنا بايېربوكنىڭ «بويۇنتاۋلىق» قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە خىتاي مۇستەبىتلىكىدىن نەپرەتلىنىدىغان ئاننالېنا بايېربوك ئۆز ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، خىتايغا مۆتىدىل پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان باش مىنىستېرنى قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويغان.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «زامان» گېزىتىدا 29-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «بايېربوك ۋە فېسېر ئولىمپىك ئۈچۈن بېيجىڭغا بارمايدۇ» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك بىلەن ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرى نەنسىي فېسېر 29-دېكابىر گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان شەخسىي قارارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق باش مىنىستېر ئولاف شولىز تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن. فېدىراتسىيە باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ ئىپادە بىلدۈرۈش» نىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.

نېمىلا بولمىسۇن، گېرمانىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوك بىلەن تەنتەربىيە ئىشلىرىغىمۇ مەسئۇل بولغان ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرى نەنسىي فېسېرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئاشكارىلىشى يالغۇز گېرمانىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپا ئۈچۈنمۇ كۈچلۈك بىر سىگنال بولغان. بۇ خۇسۇستىكى خەۋەرلەر بۈگۈن ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان. بۇنىڭ خىتايغا نېمىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر قوزغىلىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئاننالېنا بايېربوكنىڭ بۇ كەسكىن قارارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بولسا، ئاننالېنا بايېربوكنىڭ شەخسىي قارارىدىن مەمنۇن بولغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن قانائەتلەنمەيدىغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەسمىي بايقۇت قىلىشقا قىستاش ئۈچۈن 2022-يىلى 4-يانۋار كۈنى بېرلىندىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ئېيىتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باش بولۇپ بايقۇت ئېلان قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان ياكى دۆلەت ئەربابلىرىنى قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەر: ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، ئاۋسترىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان. ئەكسىچە، ئولىمپىكنى سىياسىي جەھەتتىن بايقۇت قىلىشقا ئوچۇق قارشى تۇرغان دۆلەت رۇسىيە بولۇپ، 2-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭغا بېرىپ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن تۇنجى دۆلەت رەھبىرىمۇ رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بولۇپ قالغان.

مەيلى بايقۇت شەكلىدە بولسۇن، مەيلى كورونا ۋاباسىنى باھانە قىلىپ بولسۇن ياكى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئادەتلىرىنى چىقىش قىلىپ بولسۇن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ سەپكە قوشۇلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. ئاخبارات ۋاستىلىرى گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم تەنھەركەتچىلەرنىڭمۇ بېيجىڭغا بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. د ئۇ ق بولسا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بارلىق دۆلەتلەردە 2022-يىلى 4-يانۋار كۈنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلانماقتا.