غۇلجا چۇلۇقايدا «بىر يېزا، بىر دەرۋازا» تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ يېزىغا چەت ئەل مۇخبىرلىرى دەسسەپ باقمىغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ھەر قېتىملىق باياناتىدا، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى رايوننى زىيارەت قىلىشقا ۋە ۋەزىيەتنى نەق مەيداندا كۆزىتىشكە دەۋەت قىلماقتا؛ ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىدە قاتمۇقات توسۇقلارنى قۇرۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى مۇمكىنسىزلەشتۈرمەكتە. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، يېزىنىڭ نازارەت تۈزۈملىرىنىڭ قاتتىقلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، يېزىنىڭ دەرۋازىسىدىن چەت ئەللىكلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوقلۇقى ۋە يېقىنقى 6 يىلدا بىرمۇ چەت ئەل مۇخبىرىنىڭ يېزىغا قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك غەرب جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان خىتاي دائىرىلىرى ئەيىبلىمىنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەندىن كېيىن، چەت ئەللىكلەرنى، بولۇپمۇ چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا ۋە ۋەزىيەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە دەۋەت قىلماقتا. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندا بۇرۇندىنلا مەۋجۇت بولغان نازارەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، رايونغا يېتىپ بارالىغان ئاز ساندىكى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قەدەمدە بىر توسالغۇغا ئۇچراتماقتا. مەسىلەن، يېزىلارنى قورشاۋ تام ئىچىگە ئېلىپ كىشىلەرنى بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىدىغان قىلىش، ئەنە شۇ توسۇقلاردىن بىرىدۇر.
ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا ناھىيەسىدىكى چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ پۈتۈنلەي قورشاۋ تام ئىچىگە ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بىز بۈگۈن بۇ تۈزۈمنىڭ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ باشقا يېزىلىرىدىكى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.
ئالاقىدار خادىملار، بۇ تېمىدا مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى تارتتى. مەلۇم بولۇشىچە، يېزىلارنى قورشاۋ تام ئىچىگە ئېلىش، يالغۇز شۇ يېزىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىختىيارى پائالىيىتىنى چەكلەش ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى يەنە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ يېزىغا قەدەم بېسىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، تېلېفونىمىز چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىز سۆزلەشكەن ئامانلىق مۇدىرىغا قايتىدىن باغلاندى. بىز بۇ قېتىم ئۇنىڭدىن «بىر يېزا، بىر دەرۋازا» تۈزۈمىنىڭ باشقا يېزىلاردىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ تۈزۈمنىڭ ناھىيە بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى؛ بۇنى ئۇ خىزمەت جەريانىدا ئامانلىق خادىملىرى قوللىنىلىدىغان «دۈيجىياڭجى» دېگەن خىتايچە سۆز بىلەن ئاتىلىدىغان سۆزلىشىش ئاپپاراتىدىكى سۆزلەردىن ئۇققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن دەرۋازا بېكىتىلگەن يېزىلاردىن ئەۋلىيا، ئۈچئون ۋە موللاتوختىيۈزى يېزىلىرىنى تىلغا ئالدى.
بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، دەرۋازىدىكى ئامانلىق خادىملىرى يېزىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىدىكەن. مانا بۇ كۆزىتىشنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن 2017-يىلنىڭ ئاخىرى يېزىغا دەرۋازا بېكىتىلگەن كېيىن، بۇ يېزىغا چەت ئەل مۇخبىرلىرى دەسسەپ باقمىغان.
بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى چۇلۇقاي يېزىسىدا ئۆتكەن، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، چۇلۇقايدا ئەسلىدە باغ-ۋارانلىرىغا ئىشىك بېكىتمەيدىغانلىقى، ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنىڭ ھويلا دەرۋازىلىرىغىمۇ قۇلۇپ سالمايدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا غۇلجا چۇلۇقايدا «بىر يېزا-بىر دەرۋازا» تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ يېزىغا چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ قەدەم بېسىپ باقمىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.