Responsive Image

غۇلجا چۇلۇقايدا مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى زاۋۇت – فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن

غۇلجا چۇلۇقايدا مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى زاۋۇت – فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيەسى چۇلۇقاي يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ بۇ يېزىدىكى غوللۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، كۆپىنچىسى ئانىلار ۋە ياشانغانلاردىن تەشكىللەنگەن يۈزلەرچە كىشى ھۈكۈمەت ئاجراتقان بىر ئاپتوبۇسدا  زاۋۇت -فابرىكىلارغا ئاپىرىلىپ، كۈنىگە 10-12 سائەتتىن ئىشقا سېلىنماقتا ئىكەن. بۇلارنى ئىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئاجرىتىلغان مەخسۇس خادىملار بار ئىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى دەسلەپكى ئىككى يىلدا سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە يىغىۋالغان خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇلارنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا ناھايىتى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا ئىكەن. دېيىلىشىچە، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە ئاز بىر قىسمى ياشانغان ئەرلەر ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى چۇلۇقايدا مەھبۇس ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ غۇلجا شەھەر ياقىسىدىكى ياماچاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ياماچاڭنىڭ غۇلجادا 2017‏- ۋە 2018‏-يىللىرى تەسىس قىلىنغان 20 نەچچە لاگېرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ لاگېرنىڭ نۆۋەتتە تاقالغان ياكى تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما مەزكۇر كەنت ساقچىسىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يەرگە يوللانغان مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پەلەي، پايپاق ۋە باشقا كېيىم-كېچك فابرىكىلىرىدا ئىشلەيدىكەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەنىڭ 10 نەچچە سائەت ئىشلەيدىغانلىقى، پەقەت 1000-2000 يۈەن ئارىسىدا مۇئاش ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر كەنت ساقچىسى، ياماچاڭغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە ئايلىق بېرىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيشىچە، مەھبۇسلار ئائىلىلىرىنى ئەمگەككە ئاپىرىشقا ئەۋەتىلگەن مەخسۇس كادىرلار بار بولۇپ، بۇ كادىرلار ھەر كۈنى دېگۈدەك مەزكۇر ئائىلىلەرنى ئەمگەككە  بېرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن. ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە ياشانغانلار بولغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئاغرىقچان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. بۇلار  ئەتىگەن سائەت 6 دە ئىشقا ئاپىرىلىپ، كەچ سائەت 6 دە ئىشتىن قايتۇرۇپ ئەكلىنىدىكەن.

مەزكۇر كەنت ساقچىسى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىدە بېقىلىشقا تېگىشلىك بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ بارلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاخشىمى ئىشتىن ياندۇرۇپ ئەكىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇكىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمگەك مەيدانلىرى كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردىنمۇ ئېتىزدا ياكى زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىچىسىنىڭ ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئىكەنلىكى، زاۋۇتقا ئىشقا ئېلىپ مېڭىلغان ئاپتۇبۇسلاردا بىرقانچە نەپەر ساقچىنىڭ نازارەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىمۇ  مەلۇم.

زۇمرەت داۋۇت، مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان ئەھۋالغا ۋەتەندىكى چېغىدىلا شاھىت بولغانلىقى، ئۇلارغا مۇئاش بېرىلمەيدىغانلىقى، پەقەت دائىرىلەرنىڭ بۇلارغا نومۇر بېرىش ئارقىلىق تۈرمىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە «لاياقەتلىك» شەرت ھازىرلايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر كەنت ساقچىسى يەنە ياماچاڭدىكى فابرىكىلاردىن باشقا يەنە ئارۇز دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى زاۋۇت – فابرىكىلاردىمۇ بىر قىسىم مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلزىرە ئاۋۇلقانمۇ ئۆزىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندە، ئارۇز دېھقانچىلىق مەيداندىكى پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. ئۆزلىرىگە پەقەت 600 يۈەن مۇئاش بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۈلزىرە، ئىش مەيدانىغا ياتىقىدىن ئاپتوبۇسدا ئاپىرىلىپ-ئەكىلىنگەنلىكى ۋە ئىشتىن چۈشكەندە سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ساقچىلارنىڭ سوراقلىرىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

بايانلاردىن چۇلۇقايدىن ئارۇز دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلغان مەھبۇسلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەل گۈلزىرە ئىشلىگەن زاۋۇتلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

چۇلۇقايدىكى يەنە بىر ئاياللار مۇدىرى، ياماچاڭ ۋە ئارۇزغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ بېرىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش» نى تۈگىتىپ چىققانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.