Responsive Image

غۇلجا چۇلۇقايدىكى 700 نەچچە نوپۇسلۇق بىر كەنتتە ئاز دېگەندە 100 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

غۇلجا چۇلۇقايدىكى 700 نەچچە نوپۇسلۇق بىر كەنتتە ئاز دېگەندە 100 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا چۇلۇقاي يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېرىۋاتقان ئاتالمىش «ياردەم» لىرىنى بايان قىلىش داۋامىدا چۇلۇقايدىكى 700 نەچچە نوپۇسلۇق بىر كەنتتىن ئاز دېگەندە 100 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

غۇلجا چۇلۇقايدىكى بىر كەنت ساقچىسى، دائىرىلەرنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قانداق قاراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئائىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىۋاتقانلىقى، يېمەك-ئىچمەكتىن تارتىپ كىيىم-كېچەككىچە پۈتۈن تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مەھبۇس ئائىلىلىرىگە قارىتا نۆۋەتتە نېمە ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئەڭ يېقىندا 30 توننادىن ئارتۇق كۆمۈر تارقىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ جەرياندا، ياردەم بېرىلگەن مەھبۇس ئائىلىلىرى سانىنىڭ يۈزگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ كەنتتە ئاز دېگەندە 100 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ نوپۇسى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، مەزكۇر «ياردەم» گە ئېرىشكەن 100 مەھبۇس ئائىلىسى مەنسۇپ بولغان كەنتتە 140 ئائىلە 700 نەچچە نوپۇس بار ئىكەن.

غۇلجادىن چىقىپ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر تۇتۇلۇش نىسبىتى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئونيار يېزىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۆزىنىڭ 3 قېرىندىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ مۇھاجىر، مەھەللىسىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن 1-5 كە قەدەر كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن چۇلۇقايدىكى مەزكۇر كەنتتە 200 چە كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. چۇلۇقاينىڭ شەيخمەھەللە كەنتىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئوزى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىدە نەسرۇللا ئىسىلىك كىشىنىڭ ئائىلىسىدىن 4 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر مەھەللىدىكى يەنە بىر خادىم، 11 قېرىنداشلىق بىر جەمەتتىن (چوڭ ئائىلىدىن) 6 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشغلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدە 2017‏-يىلىدىلا 120 مىڭ كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدا 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.