Responsive Image

غۇلجا پەنجىمدە 2000‏-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان «خەتەرلىك ئەۋلاد» تىن 100 نەچچە ياش تۇتقۇن قىلىنغان

غۇلجا پەنجىمدە 2000‏-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان «خەتەرلىك ئەۋلاد» تىن 100 نەچچە ياش تۇتقۇن قىلىنغان

ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بىلەن تەڭ، 10،000 جىنايەتچى سىغىدىغان ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدا 20-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا يەنە بىر رەت «قاتتىق زەربە» دولقۇنى قوزغالغانلىقى ۋە خوتەندىلا 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر دولقۇندا غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم يېزىسىنلا 100 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 2000‏-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئاتالمىش «خەتەرلىك ئەۋلاد» قا مەنسۇپ ياشلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

خىتاينىڭ كومپارتىيەسىنىڭ 20‏-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە بىر قاتتىق «قاتتىق زەربە» دولقۇنى قوزغالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ دولقۇننىڭ غۇلجادىكى تەسىرى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۈلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى دولقۇندا 2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا توردىن چۈشۈپ قالغانلار، بولۇپمۇ يېشى سەۋەبلىك جازالانماي قالغانلار نۇقتىلىق زەربە ئوبيېكتى بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەر پەنجىم يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى دولقۇندا، پەنجىم يېزىسىدىن 125 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. پەنجىم يېزىسىنىڭ ئەڭ چوڭ كەنتلىرىدىن بولغان ۋە شەھەرگە يېقىن جايلاشقان تۆۋەن پەنجىم كەنت پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتىن بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 10‏-ئاينىڭ باشلىرىدا جەمئىي 62 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ خادىمنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى تۇتقۇندا نۇقتىلىق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغانلار، بولۇپمۇ 2000‏-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان «خەتەرلىك ئەۋلاد» قا مەنسۇپ ياشلار ئاساسلىق نىشان بولغان.

مەزكۇر خادىم، بۇ قېتىم تۇتۇلغانلارنىڭ قەيەرگە ئاپىرىلغانلىقى، نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم تۇتۇلغانلارنىڭ ئاپتونۇم رايون ۋە ئوبلاستتىن چۈشكەن تىزىملىك بويىچە تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر خادىمنىڭ بايانلىرىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇرىدىن چۈشكەن تۇتۇش تىزىملىكىدە ھەر بىر شەخسنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلگەن ۋە كۆپىچىسىنىڭ «خەتەرلىك ئەۋلاد» قا مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئايدىكى بىر خەۋىرىدە، ج خ تارماقلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» دولقۇنى قوزغاپ، جەمئىي 72 مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، خوتەندىكى بىر ساقچى خادىمى، مەزكۇر دولقۇننىڭ خوتەنگە كەلگەندە توردىن چۈشۈپ قالغان «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىغا ئايلانغانلىقى ۋە ئۆزى قاتناشقان بىر يىغىندا ۋارىس قاتارلىق 20 نەچچە كىشىنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى خىتاي قوراللىق قىسىم ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئانىسىمۇ، ئوغلىنىڭ 20‏-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا باشلانغان «قاتتىق زەربە» دولقۇنى سەۋەبلىك تولىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

پەنجىمدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كەنت سېكرىتارى بۇ قېتىمقى تۇتقۇنلارنىڭ ئېنىق كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما ئۇ 2000‏-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ «ئاسان قايمۇقىدىغان» بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل «تەلىم-تەربىيە» گە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يوقۇرىدا غۇلجانىڭ پەنجىم يېزىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20‏-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا، 2000‏-يىللاردا تۇغۇلغان «خەتەرلىك ئەۋلاد» كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ ياشلاردىن 100 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق

خەۋەر مەنبەسى:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-tutqun-10242022170625.html