Responsive Image

غۇلجا قارادۆڭدە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىققان 617 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

غۇلجا قارادۆڭدە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىققان 617 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

 ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادا قامال 40 كۈندىن ئېشىشى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر دۇچ كەلگەن ئاچارچىلىق كرىزىسى يەنە بىر بالداق يوقۇرى ئۆرلىگەن. نەتىجىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ قاتارلىق يېزا ۋە كوچا باشقارمىلىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر قامالنى بۆسۈپ كوچىلارغا چىققان. مۇخبىرىمىزنىڭ مانا بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېڭىھايات ساقچىخانىسى 11-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كوچىغا چىققانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. قارادۆڭ يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، قارادۆڭ بويىچە 617 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

خەۋەرنىڭ تولۇقىنى ئوقۇڭ: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghurda-qamal-09122022193633.html