غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26-يىلى

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26-يىلى

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26- يىلى

غۇلجا قوزغىلاڭى كەمىنە بىۋاستە بىر پارچىسى بولغان ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن 1996- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان بىر ۋەقەدۇر. بۇ سەۋەپتىن غۇلجا قوزغىلاڭىنىڭ مېنىڭدىكى تەسىرى، ئۇنىڭ ھاياجىنى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئالاھىدەدۇر!
ھەبىبۇللا ئىزچى

بۇندىن 26 يىل بۇرۇن يۈزبەرگەن “ 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ”، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس زور سىياسى ھادىسىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ كۈنى  ئەركىنلىك،دېموكراتىيە ، بەراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ تېنچ نامايىش قىلغان شەرقى تۈركىستاننىڭ مىڭلىغان ئوغۇل قىزلىرى خىتاي ئارمىيە-ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق قىرغىن قىلىنغان،مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى نۆلدىن تۆۋەن 20 گرادۇس سوغۇقتا يوقۇرى بېسىملىق سۇ بىلەن باستۇرۇلۇپ، قەھرىتان قىشتا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈن .

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىللاردىن بۇيان  شەرقى تۈركىستان خەلقى ھەر يىلى بۇ كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتىپ ۋەتەن ئىچىدە  ئۈن-تىنسىز ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىسە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى “ 5 – فېۋرال “ كۈنىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈنلەرنىڭ بىرى دەپ قاراپ، بۇ كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات – باياناتلار ئېلان قىلىش ۋە باشقا ھەر شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە ئېلان قىلغان رەسمىي خەۋەرلىرى ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاپ ئېلان قىلغان پۈتۈن بايانات ، دوكلاتلىرىدا نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ 21 ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى، ھەتتا ئورۇپ- چاققانلىقى ، يەتتە خىتاي ئۆلگەنلىكىنى يازماقتا، ئەمما بۇ دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا نەقمەيداندا ئەسكەرلەر ۋە بىڭتۈەن ئامىيىسى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قەھرىتان قىشتا سۇ چېچىش ئارقىلىق ئېچىنىشلىق ھالدا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ، ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە  ھازىرغىچە مۇشۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن تۈرمىلەردە ئازاپ چېكىۋاتقان يەنە مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئەسلا تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.   ھەتتا خىتاينىڭ تېلىۋىزىيەلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، ئاتالمىش “ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى “ دەپ ئاتالغان “ 5 – فېۋرال “ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قولىدىكىسى بومبا ياكى مىلتىق – زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى توۋلانغان جاراڭلىق شوئارلار يېزىلغان پىلاكا  ۋە بۇ شوئارلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن لوزۇنكىلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.  شىنخۇا تورىدا تىلغا ئېلىنغان  پاچاقلانغان 21 ئاپتوموبىل ۋە ئۆلگەن 7 نەپەر خىتايمۇ، نامايىش مەيدانى، ۋە غۇلجا كوچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان، مىڭلىغان ئۇيغۇر سوغۇق سۇ ۋە مۇزخانىلاردا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن  ئىستىخىيىلىك ھالدا شەكىللەنگەن غەزەپ ۋە قارشىلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭغا تامامەن خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ تىنچ شەكىلدە نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشى ۋە قۇتراتقۇلۇقى سەۋەپچى بولغان ئىدى.

خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ  ۋەقەگە بەرگەن باھاسىنى ئۆزىنىڭ سىياسى ئېھتىياجىغا ئاساسەن داۋاملىق  ئۆزگەرتىپ ھەر خىل قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ كەلمەكتە.  مەسىلەن،خىتاي ھاكىمىيىتى ئەينى يىللىرى تامامەن سىياسىي ۋە ئاممىۋىي تۈسنى ئالغان  بۇ ھەرىكەتنى، ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش تۈسىنى ئالغان ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسى قىلىپ كۆرسىتىپ،چوڭىنى كىچىكلىتىش،كىچىنى يوق قىلىپ  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ساداسىنى ئۆچۈرۈشكە  تىرىشقان بولسا، ئامېرىكىدا يۈزبەرگەن “ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى “ دىن كېيىن، يۇقىرىقى تەلەپپۇزىنى بىراقلا  ئۆزگەرتىپ، ئۇنى قانداقتۇر مۇرەككەپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىپ تەسۋىرلەپ، بۇ ھەرىكەتنى “ خەلقئارا تېررورچىلىق “ نىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى .

ئەمەلىيەتتە غۇلجا نامايىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.  بۇ ھەقتە خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان “ شىنخۇا ئاخبارات تورى “ تەرىپىدىن ئېلان قىلغان ماقالىسىدا شۇنداق يازىدۇ: “ [شەرقىي تۈركىستانچى ئۇنسۇرلارنىڭ نىقاۋىنى ئېچىپ تاشلايلى “ سەرلەۋھىلىك باش ماقالىسىدە تۆۋەندىكى ئىبارىلەر يەر ئالغان ئىدى: “ توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى ! ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تۇتۇپ كېتىلگەنلەر قويۇپ بېرىلسۇن ! “ دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى … قاتارلىقلارنى بىر – بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى ] دېيىلگەن.  بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوبۇل قىلماي مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ھۆررىيەتكە ئىنتىلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئەسىرلەردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئىشغالچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئەسلا تىز پۈكمىگەنلىكىنىڭ رۆشەن ئىپادىسى ئىدى .
ۋەقەنىڭ ئەسلىگە قارايدىغان بولساق،“غۇلجا شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ،قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان، بۇندىن 79 يىل بۇرۇن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ مەركىزى بولغان، ئادەملىرى روھلۇق،خۇشچاقچاق ،مېھماندوست  ۋە تولىمۇ پاكىز بىر  شەھەر بولۇپ، غۇلجا شەرقى تۈركىستان خەلقىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەۋەس قىلىدىغان، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل تاپقان،قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك،شىۋە ،موڭغۇل ۋە تۇڭگان ۋە باشقىلار بىللە ياشايدىغان، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە روسىيە ئارقىلىق دۇنياغا ئېچىلىدىغان ئىشىكى ،  تاغلىرى ياپيېشىل ،سۈيى ئەلۋەك ، ياۋروپادىكى شىۋىتسارىيەگە ئوخشايدىغان جەننەت ماكان.  بۇ يەردە 1990 لاردا كېيىن كەلگەن كۆچمەن خىتتايلارنىڭ كەلتۈرگەن خىرىسلىرى،خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ قازاقىستان ۋە روسيە ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېچىلغان بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ خەلقىنى پىلانلىق ھالدا بىڭتۈەننىڭ كېڭەيمىچىلىكى ئاستىدا يوق قىلىشقا ئورۇنۇشلىرى ۋە بىڭتۈەن ئىستىخبارات ئىدارىسى[1] ۋە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ  شەرقى تۈركىستان ياشلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق يوق قىلىش قارا نىيىتى غۇلجا خەلقىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولۇپ خىتاينىڭ بۇ قارا نىيىتى خەلق ئاممىسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى تەرپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.

شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق زىيالىلىرى ۋە غۇلجا ياشلىرى بۇ سىياسەتكە قارشى غۇلجا مەشرىپىنى تەشكىللەپ ،ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە مەشرەپ ئىبارەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ياشلارنى قوغداش قېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىشى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ رەزىل سۈيىقەستىنىڭ بەربات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۈكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم ياشلارنى ۋە مەشرەپنىڭ سەركىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ.  بۇ سەۋەپ بىلەن خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقىدۇ ۋە 5- فېۋرال ۋەقەسىنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىلىدۇ.

1997-يىلى 5- فېۋرال كۈنى ئەتىگەندە ياشلار ۋە شەھەردىكى بىر قىسىم تىجارەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئامما قولىغا ئادالەت تەلەپ قىلىپ كۆتۈرگەن پىلاكاتلار ۋە لوزۇنكىلار بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق مەمۇرى مەھكىمە تەرەپكە يۈرۈش قىلىدۇ. قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كەسكىن تەدبىر قوللىنىش ، ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇيۇپ بېرىش سادالىرى ئىچىدە تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان خەلق بارا- بارا كۆپىيىشكە باشلايدۇ  شۇ ۋاقىتتىكى شاھىتلارنىڭ بايانىدا نامايىشچىلار قوشۇنى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ كۈنى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى.  ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك –پوك دېگەندەك  بۇ مەنزىرىدىن قورقۇشقا باشلىغان خىتاي ھۈكۈمىتى نامايشىچى قوشۇننى قەھرىتان قىشتا يوقۇرى بېسىملىق سۇ ناسوسلىرىدا سوغۇق سۇ بىلەن باستۇرۇشقا باشلايدۇ، ۋە قوغلاپ يۈرۈپ قىرغىن قىلىدۇ. ۋە تۇتۇلغانلارنى مۇزخانىلارغا سولاپ توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ھەربىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن مەھەللە  كوچىغا تاشلاپ قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈكى ئارقىلىق خەلققە تەھدىت سېلىشلىرى كۈنلەرچە داۋام قىلىدۇ. بۇ غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى.
بۇ كۈنى ئەسلىدىنلا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىق كۈنلىرىنى كۆرگەن ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولغان غۇلجا خەلقى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە زۇلۇمغا تىز پۈكمەس قەيسەر  روھى ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تالان – تاراجلىرى، چېكىدىن ئاشقان سىياسى بېسىمى ۋە باربارلارچە زۇلۇمى ئاستىدا خورلىنىپ ياشاشقا مەھكۇم بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دات – پەريادىنى ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇدۇ.

بۇ كۈنى غۇلجا خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ئۇيغۇر تارىخىغا قان بىلەن يېزىلغان بۇ ھادىسە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە،  كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قاراتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ، بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلات ۋە ئاخباراتلاردا، غۇلجا قىرغىنچىلىقى جەريانىدا يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، مىڭلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يەنە تۇتقۇن قىلىنغان يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقى ۋە كۆپلىگەن ياشلارنىڭ تۈرمىلەردە ۋەھشىيلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ ، “ 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى “ ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان تېنچلىق شەكلىدىكى دېموكراتىك مىللىي ھەرىكىتى ئىكەنلىكى خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ كېلىنمەكتە[2].

 

. بۇ ھەقتە 2006-2016 –يىلىغىچە بىڭتۈەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا، بىڭتۈەن 9- دىۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى ۋە بىڭتۈەن سىلىڭبۇسىنىڭ باش كاتىپى پ ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا ياشلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىتىش ۋە 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدا ،بۇ ۋەقەلەرنى ۋاڭلېچۈەن ۋە بىڭتۈەن قومانلىق شىتابىنىڭ بىرلىشىپ پىلانلىق قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى، غۇلجىدىكى باستۇرۇشقا بىڭتۈەن 9-10-2- دېۋىزىيەسىنىڭ قوراللىق خادېملىرىمۇ قاتناشقانلىقىنى،بىڭتۈەن سىلىڭبۇسىنىڭ بۇيرۇقىدا بىرمۇ كىشىگە رەھىم قىلماسلىق ، قارشىلىق قىلغان، قېچىشقا ئۇرۇنغاننى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش ئەمرى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. تۇتۇلغانلارنىڭ مۇھىم كىشىلەرنى بىڭتۈەن قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى  بايان قىلغان ئىدى.  [1]

2. پايدىلانغان مەنبەلەر : پەرھات مۇھەممىدىنىڭ 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئوبزورى
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى
گۈلشەن ئابدۇقادېرنىڭ 5-فېۋرال ئارخىپلىرى