Responsive Image

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتى د ئۇ ق ھەيئىتىگە بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتى د ئۇ ق ھەيئىتىگە بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەنئادېلايد شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كەلگەن لاگېر شاھىتلىرى ۋە د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى ئايرودۇرۇمدا كۈتىۋالدى. 2022-يىلى 29-نويابىر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە يەرلىك پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر تەلەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەن.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ باشقا پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئەلۋەتتە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتى فېدېراتسىيە پارلامېنتىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ يەرلىك پارلامېنت فېدېراتسىيە پارلامېنتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. تاشقى سىياسەت بىلەن دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىگە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ پارلامېنت ئەزالىرى جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دەپ سورىدى. بۇلار لاگېر شاھىتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. شۇنداقلا بىز بۇندىن كېيىن كونكرېت ئىش قىلىشقا ئۆتىمىز دەپ ۋەدە بەردى. جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئىگىلىدى. بىز جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق. يەنە بىر مۇھىم نەرسە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان ‹مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنى چەكلەش› قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، د ئۇ ق ۋە ئاۋسترالىيە تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شتاتلىق پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئىككى نەپەر لاگېر شاھىتى گۇۋاھلىق بەرگەندىن سىرت زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى دوكلات بەرگۈچىلەردىن سوئال سورىغان. 20 ئەتراپىدا يەرلىك پارلامېنت ئەزاسىى ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن›مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ كىرىلىشىنى چەكلەش›كە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. لاگېر شاھىتى ئۆمەربېك ئالى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر ھەيئەت 29-نويابىردا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا دوكلات بېرىۋاتقاندا ئادېلايدتا تۇرۇۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر ھەيئەت ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختىدىكى فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ۋە سىدنېيدىكى شتاتلىق پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنداقتا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئادېلايدتىكى تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىلە چانىشېف خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتى پايتەخت كانبېررادىن باشلانغانىدى. مەزكۇر ھەيئەت سىدنېيدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئادېلايدقا يېتىپ كەلگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە خاتىمە بېرىپ ميۇنخېنغا قايتىپ كەتكەن.