Responsive Image

كىشىلىك ھوقۇق فوندى: «سىزنىڭ تېجەپ قالغانلىرىڭىز ئۇلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن»

كىشىلىك ھوقۇق فوندى: «سىزنىڭ تېجەپ قالغانلىرىڭىز ئۇلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن»كىشىلىك ھوقۇق فوندى (Human Rights Foundation) نىڭ نيۇ-يوركنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئىمارەتلەر ۋە مۇھىم جايلاردىكى ئېلان تاختىلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەسۋىرلەپ چۈشۈرگەن تەسۋىرى شولىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 13-سېنتەبىر. Human Rights Foundation

باش شتابى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق فوندى (Human Rights Foundation) 13-سېنتەبىر نيۇ-يوركنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئىمارەتلەر ۋە مۇھىم جايلاردىكى ئېلان تاختىلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەسۋىرلەيدىغان «تەسۋىرى شولا چۈشۈرۈش پائالىيىتى» ئېلىپ بارغان.

كىشىلىك ھوقۇق فوندى نيۇ-يوركتىكى-داڭلىق برۇكلىن كۆۋرۈكى، يېڭى مۇزېي ۋە Hyatt مۇنارى قاتارلىق مەشھۇر ئىمارەتلەرگە چۈشۈرگەن تەسۋىرى شولىلاردا كۆرۈرمەنلەرنى كىيىۋاتقان مودا كىيىملىرىنىڭ ئارقىسىدىكى «ھايات» لار ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان. تەسۋىرى شولىلاردا ئىككى يۈرۈش مايكا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ بىرىنىڭ باھاسى 4.99 دوللار، يەنە بىرىنىڭ باھاسى 44.99 دوللار. ئۇلار تالون شەكىلدە ياسىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت مەلۇماتلار ئارقىلىق مەزكۇر مايكىلارنىڭ باھا پەرقىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن.

ئۇلار كۆرسەتكەن مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقى، ئۇ يەرلەردىكى جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە قىيناشلار، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تەسۋىرى شولىلاردا يەنە «سىزنىڭ تېجەپ قالغانلىرىڭىز ئۇلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھارۋىڭىزغا قاچىلىماڭ» دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر ۋە ماگىزىنلارنىڭ پۇل تۆلەش تالونى شەكلىدە ئىشلەنگەن رەسىملەردە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى توختىماي كۆرسىتىلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ قانۇنى ئىشلىرى ۋە پروگراممىلىرىغا مەسئۇل خادىمى كىلاۋدىيا بېنىت (Claudia Bennett) خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق فوندى پايدا ئىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولۇپ ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھار قايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بولىدۇ. بىزنىڭ پىروگراممىلىرىمىزنىڭ بىرى ‹كىشىلىك قىممىتىڭىزنى كىيىڭ› ناملىق پروگرامما. يەنى بۇ پروگراممىدا ئاساسلىقى مودا دۇنياسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. نيۇ-يورك مودا ھەپتىلىكى ئاخىرلاشقان 13-سېنتەبىر كۈنى بىز نيۇ-يوركتىكى ئۈچ داڭلىق بىناغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرى شولا چۈشۈردۇق. بۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئىشلەپچىقارغان ئورۇنغا ئوبدان قاراپ، ماركىلاردىن سېتىۋالماقچى بولغان مېلىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئېلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە نيو-يوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىكى 7-سېنتەبىر دىن 13-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلار قاتناشقان.

ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھام مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان بولۇپ، خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاڭنى ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. كېلەر قېتىم ئۇلار قاتتىق ئېتىبار باھادا سېتىلىۋاتقان خىتايدا ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى كۆرگەندە، ‹بۇ بۇيۇم كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ياسالغانمۇ؟› دېگەننى ئويلايدىغان بولىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق فوندى نيۇ-يورك شەھىرىگە دۇنيادىكى مودا ماركىلىرى يىغىلغان مەزگىلدە ئېلىپ بارغان بۇ پائالىيىتى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى مال سېتىۋالغان ۋاقىتتا ياخشى ئويلىنىشقا چاقىرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىغا شېرىك بولۇۋاتقان لايىھەلىگۈچىلەر، ماركىلار ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان.

كىلاۋدىيا بېنىت خانىم ماركىلار ۋە ئىستېمالچىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان داڭلىق ماركىلار، بولۇپمۇ تىز سۈرئەتتە يۈكسىلىۋاتقان مودا ماركىلىرىغا بىز دىققەت قېلىۋاتىمىز. بۇ ماركىلارنى ئايرىم دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. مىڭلىغان ماركىلار ئۆتكەن ھەپتە نيۇ-يورك مودا كۆرگەزمىسىدە ئۆزلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. بەلكىم ئۇلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. مودىغا قىزىقىدىغان كىشىلەر بولسۇن ياكى قىزىمايدىغان كىشىلەر بولسۇن ھەممىسى چوقۇم كىيىم كىيىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز زارا ۋە باشقا ماركىلارغا كېرىپ كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن قايتا ئويلىنىڭ. ئەمەلىيەتتە بىز ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچى زور. ئۆزىمىزمۇ دىققەت قىلايلى، ئەتراپىمىزدىكىلەرگىمۇ بىز كىيىۋاتقان خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ يىللاردىن بېرى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرەيلى. مۇشۇ خىل ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار ھەققىدە يېتەرلىك ئاۋاز چىقىرىلمايۋاتقانلىقى بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق.»

كىلاۋدىيا بېنىت خانىم يەنە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزلىرى 2021-يىلى دېكابىردا يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى» نى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىستېمالچىلار مەزكۇر دېتالنى كومپيۇتېرىغا ياكى تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈپ Google Chrome دا ئىشلەتكەندە، ئۇلار ئەگەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ماركىلارنىڭ تور بېتىگە كېرىپ قالغان بولسا ئۇلارغا دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن.