Responsive Image

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى لاگېرلار مەسىلىسىنى سىستېمىلىق يەكۈنلىدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى لاگېرلار مەسىلىسىنى سىستېمىلىق يەكۈنلىدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  15-سىنتەبىر

ئۇيغۇرلار دىيارىدا سان ۋە كۆلەم جەھەتتە شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى» تەشكىلاتى ب د ت غا مەخسۇس تېمىدىكى دوكلاتنى سۇنغان ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليون كىشىنىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى. 10-سېنتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇنىڭدىنمۇ زور ھەجىمدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللار، ئۇنىڭدا كۆزلىنىۋاتقان مۇددىئا ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

«ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر دوكلاتنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى مايا ۋاڭ تەييارلىغان بولۇپ، پۈتكۈل دوكلات ئالتە بابقا بۆلۈنگەن. بۇ دوكلاتتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشنى مەقسەت قىلغان ھازىرقى سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ۋە ئاددىي شەكىلدە چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىگە «سادىق» قىلىپ چىقىشنى كۆزلىگەن «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قانداق قىيناق ۋە باستۇرۇشلارغا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى سىستېمىلىق بايان قىلىنىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى يېڭى ئاچقان مەزگىللەردە بىر قىسىم كىشىلەرنى «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2017-يىلى مارت ئېيىدا «خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ شۆبىسى» بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان. شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارنى كېڭەيتىشىنى «خەلق ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقان» ھەرىكەت قىلىپ تەسۋىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلاردا بۇ ھال تولىمۇ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلىدىغان ئۇيغۇرلار «ئىشەنچلىك»، «ئادەتتىكىچە» ياكى «ئىشەنچسىز» دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلغاندىن كېيىن شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش بولمىغان «تەربىيەلەش» نۇقتىلىرىغا ئەۋەتىلگەن. بۇنىڭدا يەنە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بويىچە سەپكە ئايرىلغان كىشىلەرمۇ زور ساننى تەشكىل قىلغان. ئەمما نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى «تەربىيەلەش» نىڭ خاراكتېرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

بۇ قېتىمقى دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا نەچچە ئونلىغان شاھىتلار زىيارەت ۋە سۆھبەتنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار تەمىن ئەتكەن ئەھۋاللار لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ۋاقىتتىن تارتىپلا مەجبۇرىي سوراق قىلىنىش، جىسمانىي قىيناققا تارتىلىش، كېسەل بولۇپ قالغاندا داۋالىنالماسلىق، ئىنسانلىق ئىززىتى بولماسلىق دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلغاندا ھازىرقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنى قىسقىچە قىلىپ مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى زور كۆلەمدە باستۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار زور ساندا ‹تەربىيەلەش› مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلمەكتە. ئۇلار بۇ جايدا ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىش بىلەن بىرگە خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا. بۇنداق جايلارغا قامالغان تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم› دەپ سالاملىشىش ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە سالاملىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بۇنى رەت قىلغانلار ياكى ئالاقىدار دەرسلەرنى ئۆگىنەلمىگەنلەر يالغۇز كامېرغا قامىلىش، تاماق بېرىلمەسلىك، 24 سائەت ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئېسىگە كەلمەيدىغان جازالارغا بۇيرۇلىدۇ. بۇ خىل جازالارغا دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ زور بىر قىسمى چەتئەل بىلەن باغلىنىشلىق بولغان كىشىلەر. يەنى ئۇلار چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان ياكى چەتئەلدىكىلەر بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن كىشىلەر. قالغانلىرى بولسا ساقال قويغان، ياغلىق چىگكەن دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن سولانغانلار.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاش بىلەنلا ئىش تۈگىمىگەن. لاگېر سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر دائىرىدىن يەنە بىر دائىرىگە يۆتكىلىشى قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغان ۋەزىيەت ھەممىلا جايغا كېڭەيگەن، كىشىلەرنىڭ پاسپورت ئېلىپ خىتايدىن ئايرىلىشى كىشىلەر ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا ئايلانغان. لاگېر سىرتىدىكىلەر بولسا ئايىغى چىقماس «سىياسىي ئۆگىنىشلەر» دە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىش، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىلى دېگەنلەر ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ‹ساداقەتسىزلىكى› نىڭ دەلىلى بولۇپ قالماقتا. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى يېڭىدىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن چېن چۇەنگو ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قاتتىق زەربە بېرىش› ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇردى. بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى قەغەز يۈزىدە ‹تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىنى تۈگىتىش› دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل رايون تەۋەسىدە داۋام قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك دەپسەندىچىلىك ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالدى. بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەل مۇشۇنداق ھادىسىنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەر بۇ جايلاردا خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانماقتا. ھازىر بۇ جايغا بىر مىليون كىشى قامالغان بولسىمۇ، بۇ خىلدىكى خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي قەسەم قىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق. شىنجاڭدىكى بۇ سىياسىي لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان ھايات ئاساسىي جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرق قىلىپ كەتمەيدۇ. كۆپلىگەن ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھازىرقى شىنجاڭنى ھازىرقى زامان ساقچى دۆلىتى، دەپ تەسۋىرلەۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا شۇ خىلدىكى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلاردىن 50 نەچچە ئۇيغۇر شاھىت گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، بۇ شاھىتلارنىڭ بايانلىرى لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى چۈشىنىشتە بەكمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىكەن.