«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن باشلاندى

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن باشلاندى«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز(Adrian Zenz) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 6-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنى بۇ يىل24-سېنتەبىر يەنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن باشلاندى. ئىككى كۈنلۈك بۇ يىغىلىشنىڭ تۇنجى كۈنلۈك مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە 24-سېنتەبىر بۇ فوندىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچى، تەتقىقاتچى ۋە شاھىتلار گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 7 يىلدىن بېرى يەنىلا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى تەكىتلەندى. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقتىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، ئۇنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك بولۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقتا ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار ئىكەن.

24-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ 25-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر مېھمانخانىدا داۋاملاشقان خىتايغا چېتىشلىق تېخىمۇ كەڭ تېمىلاردىكى «خىتاي مۇنبىرى» يىغىلىشىنىڭ بىر قىسمىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فوندنىڭ بۇ يىللىق «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىغا ئامېرىكانىڭ سودا، ئىقتىساد، تاشقى سىياسەت، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، سىياسىي تەرەققىيات ساھەلىرىدىكى تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر قاتناشماقتا.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ پەخرىي پىرېزىدېنتى، باش ئەلچى ئاندرېۋ برېمبېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا بۇ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق تىراگېدىيەسىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىش چۇقانلىرىغا كۆپ ھاللاردا سۈكۈت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى يەنىلا ئاڭلىنىپ تۇرماقتا ئىكەن. ئاندرېۋ برېمبېرگ 24-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا، بۇ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق تىراگېدىيەسىنىڭ سادىر بولۇۋاتقىنىغا نەچچە يىللار بولدى. ئادالەت تەلەپ قىلىش چۇقانلىرى ياڭراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا بۇ چۇقانلار ھۆكۈمىتىمىز، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر، سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە سىياسىيونلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا ئۇچرىماقتا. لېكىن مەن ھەر كۈنى ئادالەت ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان سىلەردىن ۋە سىلەر قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلاردىن مىننەتدارمەن. سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار ئاڭلىنىپ تۇرماقتا» .

ئاندرېۋ برېمبېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي چوقۇم شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىزنىڭ بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ باشچىلىقىدا قىلغان ئىشلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىدىن كۆپ قىلغان تەتقىقاتى، دۇنيانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشىنى ئۆستۈردى. ئۇلار شىنجاڭدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى كېرەك».

24-سېنتەبىر كۈنىدىكى «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى قەبىھلىكنىڭ 7-يىلى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنىغا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، لاگېر ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئادرىيان زېنز، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇرلاردىكى رادىكاللىقنى، يەنى بۇ ئاتالمىش «ۋىرۇس» نى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىغان 7 يىلدىن بېرى، بۇ قەبىھلىكنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىپ باقمىغانلىقىنى، بۈگۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قەبىھلىكنى سادىر قىلغۇچىلار تېخى جاۋابكارلىققا تارتىلمىدى، ئۇلارغا ئادالەت بىلەن جىنايى جازا بېرىلمىدى، ھەتتا ئۈنۈملۈك ئېمبارگومۇ قويۇلمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قەبىھلىككە قارشى تۇرۇشتا بەك ئاز ئىش قىلدى. ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە بۇ ئېغىر جىنايەتنىڭ سادىر قىلغۇچىلىرىغا جازامۇ بېرىلمىدى. بۈگۈنكى يىغىندا، ئۈچ ئۇيغۇر بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە بۇنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. »

بۇ يىغىندا، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ پىروگرامما تەتقىقاتچىسى مۇئەتتەر ئىلقۇت ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس گۇۋاھلىق بەردى. تەتقىقاتچى مۇئەتتەر ئىلقۇتنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە ئىكەن. مۇئەتتەر ئىلقۇت، نىشاندىكى تۇنجى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ سابىق خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇئەتتەر ئىلقۇت مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ھازىرقى بىرىنچى نىشاندىكى ئوبيېكتىمىز جاۋ كېجى. ئۇ ئىلگىرى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى، سىياسى-قانۇن مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. »

مەلۇم بولۇشىچە، جاۋ كېجى 2017 ۋە 2018-يىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇشى باشلانغان مەزگىللەردە، خىتاي ج خ مىنىستىرى ۋە سىياسىي قانۇن مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. جاۋ كېجىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى، ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسى-قانۇن ئورگانلىرىغا بەرگەن يوليورۇقلىرىدىن مەلۇم بولغانىدى.

مۇئەتتەر ئىلقۇتنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار جاۋ كېجىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ جاۋ كېجى ھەققىدە بايقىغان ئاساسلىق دەلىللىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇنىڭ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى رەسمىي خىزمەت تەكشۈرۈشىدە قىلغان سۆزىدۇر».

مۇئەتتەر ئىلقۇتنىڭ ئېيتىشىچە، جاۋ كېجى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىگەن؛ رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى ۋە مۇقىملقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مەدھىيەلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىلغان <ئون ياخشى» ئىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، 1940-يىللىرى يەھۇدىيلار قىرغىن قىلىنىۋاتقان پەيتتە ھەر قايسى دۆلەتلەر گېرمانىيە بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىدەك، شىركەتلەرمۇ ھازىر خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. روشەن ئابباس خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىسمانىي يوقىتىش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، تەشۋىقات ئۇرۇشىمۇ ئېلىپ بارماقتا. مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزىنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلار ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە پەرقلىق گۇرۇپپىلارنى خىتايغا ئاپىرىپ، پوتانكېم شەكلىدىكى (ياسالما) ساياھەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. »

مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ئامېرىكالىق رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى دەيۋىد نوۋاك بىلەن جېينىس ئېنگىلخارتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى «سۈرەن-چۇقان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ 25-سېنتەبر كۈنىدىكى كۈنتەرتىپى يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاساسى نۇقتا قىلغان ھالدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاينى خەلقئارا نىزام بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.