Responsive Image

كورلا قارايۇلغۇندا «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن 4 قېرىنداشتىن ئىككىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن

كورلا قارايۇلغۇندا «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن 4 قېرىنداشتىن ئىككىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» رەتلەپ چىققان «ساقچى ھۆججەتلىرى» دە بۇ سۈرەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز ئۆتكەن ھەپتە كورلا قارايۇلغۇن بازارلىق مەركىزى مەسچىتنىڭ خاتىپى ئۆمەر ھۈسەننىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى كورلالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆمەر ھۈسەننىڭ ئاكىسى سەمەت ھۈسەننىڭمۇ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدە ئۆلگەنلىك ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى يەنى 9 جانلىق بۇ ئائىلىدىن 4 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە 2 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى.

كورلالىق مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن قارايۇلغۇن مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئۆمەر ھۈسەننىڭ ئاكىسى سەمەت ھۈسەنمۇ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدە جان ئۈزگەن.

دېيىلىشىچە، سەمەت ھۈسەن قارايۇلغۇننىڭ باغجىگدە كەنتىگە نوپۇسلۇق بولۇپ، ئۇلار 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئۇ ئۈچ قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان.

قارايۇلغۇن بازارلىق ساقچىخانا خادىمى مەزكۇر 4 قېرىنداش ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى، ئۇ بۇ ھەقتە كەنت ۋە رايون ساقچىلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

كورلالىق مۇھاجىرنىڭ يازما ئىنكاسىدا يەنە بايان قىلىشىچە، ياشلىرى 50 بىلەن 62 ياش ئارىسىدا بولغان بۇ 4 قېرىنداش قىلغان دىنىي ئىبادەتلىرى ۋە قاتناشقان دىنىي سورۇنلىرى سەۋەبلىك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغان ۋە 2017-يىلى 9-ئايدا «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇلاردىن ئىككى نەپىرى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغىنى ئۈچۈن ئىككى يىلدىن كېيىن «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» ئەمما، قالغان ئىككىسىنىڭ قىلمىشى «ئېغىر» بولغاچقا، توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىرى بەش يىل يەنە بىرى 12 يىللىق كېسىېۋىتىلگەن.

قارايۇلغۇندىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى، سەمەت ھۈسەننىڭ ئەسلىدە 9 جانلىق بىر چوڭ ئائىلە ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن ئىككى كىشىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سەمەت ھۈسەن 2021-يىلى، ئۆمەر ھۈسەن بولسا 2012-يىلى 2-ئايدا جان ئۈزگەن. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 55 ياش چامىسىدىكى خاتىپ ئۆمەر ھۈسەننىڭ جىگەر كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى. مەزكۇر ئاھالىلەر كومىتېتى ئامانلىق خادىمىنىڭ دېيىشچە، سەمەت ھۈسەن ئاشقازان راكى بىلەن جان ئۈزگەن.

ئۇ خادىم يەنە، كومىتېت مەسئۇلىدىن سوراش ئارقىلىق، سەمەت ھۈسەننىڭ ئەسلىدە ھېچقانداق كېسىلى يوقلۇقى، كەيفاچۈ يەنى سانائەت رايونى تۈرمىسىگە ئەكېتىلگەندىن كېيىن، تۈرمە دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

دېيىلىشىچە، سەمەت ھۈسەن جان ئۈزگەن چېغىدا 60 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن كورلادا دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دېھقان ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى خادىمى، تۈرمىدە جان ئۈزگەن سەمەت ھۈسەننىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 2017-يىلى 9-ئايدا تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىقى ئىككى خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 4 قېرىنداشتىن قالغان ئىككىسى راخمان ھۈسەن ۋە ھۈسەن بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئىككى يىلدىن «تەربىيەلەنگەن» دىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. خاتىپ ئۆمەر ھۈسەن بىلەن ۋە ئاكىسى سەمەت ھۈسەن ئوخشاش كۈندە تۇتۇلغان، توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئوخشاش تۈرمىدە ياتقان ۋە ئوخشاش دوختۇرخانىدا پۇت-قوللىرى كارىۋاتقا باغلانغان ھالەتتە داۋالانغان. دېيىلىشىچە ھەر ئىككىسى تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋۋال ساغلام بولغان بۇ ئاكا-ئۇكا بىرى جىگەر يەنە بىرى ئاشقازان راكى بىلەن جان ئۈزگەن.

2017-يىلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا مەھەللەردە ئۆي بېسىپ ئادەم تۇتۇلغانلىقى، ھەر بىر ئۆيدىن بىر نەپەردىن 7 نەپەرگە قەدەر كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى، رايوندا ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرمىلەردىن جەسەت چىقىۋاتقانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، بۈگۈنگىچە جەمئىي قانچە كىشىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنىڭ سىرلىقلىقى داۋام قىلماقتا. كورلادا تۈرمىگە تاشلانغان 4 قېرىنداشتىن ئىككى نەپىرىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزۈشى، تۈرمىلەردىكى ئۆلۈم سانىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىلىق ئەندىشىلەرنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.