Responsive Image

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق : «لاگېر ياتاقلىرىنىڭ دېرىزىلىرى پۈتۈنلەي پاياتلىۋېتىلگەن ئىدى»

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق : «لاگېر ياتاقلىرىنىڭ دېرىزىلىرى پۈتۈنلەي پاياتلىۋېتىلگەن ئىدى»ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيىلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل، داۋانچىڭ.

مارالبېشى ۋە دۆربىلجىندىكى لاگېردىن ئىككى تۇتقۇننىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، بۇلارنىڭ بىر تاسادىپىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى، چۈنكى لاگېرلاردا كۆزگە زىيانلىق شارائىت ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلدى. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تېببىي مۇتەخەسسىس جۈرئەت ئوبۇل، لاگېر تۇتقۇنلىرىدىكى كۆز زەخىمىسىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى يورۇقلۇقتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، لاگېرلاردىكى ياتاق دېرىزىلىرىنىڭ ھەممىسى، «دەرسخانا» دېرىزىلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى پاياتلىۋېتىلگەن بولۇپ، تۇتقۇنلار ئايلاپ ۋە يىللاپ يورۇقلۇقتىن مەھرۇم ياشاشقا مەجبۇر ئىكەن. دەرسخانىدىكى كىچىككىنە يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىش ۋە قاراڭغۇ كامېردىن ئازراق بولسىمۇ ئۇزاق تۇرۇش ئۈچۈن، بەزى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ئۇنىڭدىن دەرسنى ئۇزارتىپ ئۆتۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان چاغلىرىمۇ بولغان ئىكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تېببىي مۇتەخەسسىس جۈرئەت ئوبۇلنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇزۇن مەزگىل قاراڭغۇلۇقتا ياتقان تۇتقۇنلار، بىردىنلا يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلغاندا كۆز نېرۋا تومۇرلىرى زەخىملىنىش ۋە كۆيۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

جۈرئەت ئوبۇل يەنە لاگېردىكى قېيىن-قىستاق ۋە ناچار شارائىتلاردىن باشقا تۇتقۇنلارغا بېرىلىۋاتقان نامەلۇم دورىلارنىڭمۇ كۆزنى زەھەرلەپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. تاماقتىن زەھەرلىنىشنىڭ تامامەن مۇمكىنچىلىكىنى تىلغا ئالغان قەلبىنۇر خانىم، ئۆزىنىڭ بىر قېتىم لاگېر ئاشخانىسىدا سۇ ئىچىشكە تەمشەلگەندە، ئاشپەزلەر تەرىپىدىن سىرلىق ھالدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دېيىلىشىچە، قەلبىنۇر خانىم، توك قالپاق، توك ئورۇندۇق، توك كالتەك قاتارلىق 4 خىل قېيىن-قىستاق ئەسۋابىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە دەسلەپتە كۆزى زەخىملىنىپ، كېيىن پارالىچ بولۇپ قالغان ئوسمان ۋە نۇرئەلىدىن ئىبارەت ئىككى تۇتقۇننىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغان.

جۈرئەت ئوبۇل، ئېغىر روھىي بېسىمنىڭمۇ كۆز نېرۋىلىرىنى كاردىن چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، كۆزنى كاردىن چىقىرىدىغان بىر قاتار سەۋەبلەر ئارىسىدا ھەقسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر قىسىم تۇتقۇنلاردا كۆرۈلىدىغان كۆپ يىغلاشنىڭمۇ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا مارالبېشىدىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن قۇربان نۇرنىڭ ۋە دۆربىلجىندىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن يالقۇن تۇرسۇننىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.