Responsive Image

لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇت ئائىلىسى بىلەن بىللە شىۋېتسىيەگە يېتىپ بارغان

لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇت ئائىلىسى بىلەن بىللە شىۋېتسىيەگە يېتىپ بارغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

سايراگۈل ساۋۇتباي قازاقىستانغا قېچىپ ئۆتكەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى. لېكىن ئۇ قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ دېلوسى قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن قازاقىستان جامائىتى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

«ئاتا يۇرت تەشكىلاتى» نىڭ ۋەكىللىرىدىن غەيرەت بايتوللا، رادىيومىزغا مەخسۇس ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، بۈگۈن، يەنى 3-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ قازاقىستاندىن شىۋېتسىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ شىۋېتسىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايراگۈلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك خەۋپتىن قۇتۇلۇپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشكە يول ئېچىلىشى 3 ئايدىن بۇيان مىرزا قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ يېتەكچىسى سېرىكجاننىڭمۇ قويۇپ بېرىلىپ باشقا بىر دۆلەتتە پاناھلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتىكەن.

سايراگۈل بۇلتۇر 8-ئايدا ئالمۇتادا ئېچىلغان سىياسىي پاناھلىق سوتىدا ئۆزىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلىدە لاگېرلارغا ئائىت مەخپىي ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكىنى، مەھبۇسلارغا يۈرگۈزگەن خورلاش ۋە قىيىن-قىستاقلارغا شاھىت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ھازىر مىرزا قاماقتا تۇرۇۋاتقان سېرىكجان بىلەشئوغلى ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىمىزدە گەرچە سايراگۈل لاگېر مەسىلىسىدە سۈكۈتنى بۇزۇشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستاندىكى تۈرلۈك تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى ۋاقتىنچە رەت قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ياردىمى بىلەن سايراگۈل ئۆزىگە سۈكۈت قىلىشنى ئىزچىل يوسۇندا تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ئىلگىرىكى ئادۋوكاتى ئابۇزال كۇسپاننى 2019 يىلى 15-فېۋرالدا رەسمىي بىكار قىلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا قازاقىستاندىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئايمان ئوماروۋانى يېڭىدىن ئادۋوكاتلىققا تەكلىپ قىلغان. بۇلتۇر 8-ئايدا ئۇ قازاقىستان سوتىغا يېڭى ئادۋوكاتى ئايمان بىلەن بىللە قاتناشقان، سوتتا سايراگۈلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى قارار قىلىنغان ئىدى. سايراگۈلنىڭ قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىدەك بىر باسقۇچقا كېلىشىدە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ۋە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ يېتەكچىسى سېرىكجاننىڭ خەلقئارالىق ئاخباراتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سايراگۈل ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى توختىماستىن ئاڭلىتىشى مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.

سايراگۈلنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدىكى سوتى ۋە سوت قارارىدىن كېيىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە سۆزلىمەسلىكنى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادۋوكاتى ۋە باشقىلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا قازاقىستاندا پاناھلىنىش ئىلتىماسى قوبۇل بولغۇچە بولسىمۇ جىم تۇرۇپ تۇرۇش ھەققىدىكى نەسىھەتلىرى نەتىجىسىدە خىتايدىكى لاگېرلار ھەققىدە سۆزلەشنى توختاتقان. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ قازاقىستاندا پاناھلىنىش ئىلتىماسى ئىككى قېتىم رەت قىلىنغان ئىكەن.

سايراگۈل ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ۋىدېيولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا پاناھلىنىش ئارزۇسىنىڭ خىتاينىڭ قازاقىستانغا قىلىۋاتقان بېسىمى تۈپەيلى توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئۈمىدىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق سۈكۈت قىلىش ياكى لاگېرلاردا كۆرگەنلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىز سايراگۈل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قايسى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ئۆزىنىڭ بۇ دېلو ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى، سايراگۈلنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى توغرىلىق شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن تولۇق مەلۇمات ئىگىلىگەندىن كېيىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ ۋەكىلى ئېربول دەۋلېتبېك تەشۋىش ئىچىدە ياشاپ كەلگەن سايراگۈلنىڭ ئېرى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن بىللە شىۋېتسىيەگە يېتىپ بېرىشىنىڭ ياخشى بىر پۇرسەت بولغانلىقىنى، ئەركىن دۇنياغا بىخەتەر يېتىپ بارغان سايراگۈلنىڭ ئەمدىلىكتە لاگېرلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېربولنىڭ قارىشىچە، سايراگۈلنىڭ قازاقىستاندا پاناھلىنىشى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماي ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بېرىشىغا يول قويۇلۇشىنى قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىيە تاكتىكىسىنىڭ بىر غەلىبىسى دېيىشكە بولىدىكەن.